ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە ئىشلەش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 14-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ھازىر ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى تۇنۇيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت بولغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش پۇرسەتلىرىگە يول ئېچىلغانلىقىنى، ئامېرىكادا ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىڭ ياپونلارغىمۇ، ياۋروپالىقلارغىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بەلكى بەزى تەرەپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىشى، تۇنىمىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ، ئۇيغۇر ئانا تىلى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئەمەلىي ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ياشلارنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارغا يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئامېرىكىدىكى ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا ئوقۇش پۇرسىتى كۆپ، ئامېرىكادا 3300 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت مەۋجۇت بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت بولغان بىرىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكالىقلار تونۇپ كەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادا ئوقۇماقچى بولغانلار مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسا مەكتەپلەرمۇ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ھازىر ئامېرىكادا ئوقۇش شارائىتى ياخشى، ئوقۇشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر قايسى جايلاردىكى تارماقلىرى ئارقىلىق ياردەم قىلىدۇ».

كۆپ ساندا ئوغۇل-قىز ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە تارماقلىرىدىكى مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياپونىيەنىڭ ياشاش مۇھىتلىرى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە مۇئامىلىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتۇر ئابدۇكېرىم بۇغدا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ياپونىيەدە ئوقۇشنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ياپونىيە دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى، ئوقۇشتىن سىرت يەنە قوشۇمچە ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتۇر مۇختەر بۇغرا ئەپەندى، ياپونىيەدە ئۆزىنىڭ قانداق باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ پەلسەپە پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

مۇختەر بۇغرا ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا خىزمەت-پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ياپونىيە پارلامېنتىغا بېسىم ئىشلىتىشنى نىشان قىلىپ خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئاۋاز چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان قاراشنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئىككى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئاۋاز چىقىرىپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكى، بىراق بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر رىشات ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئاكادېمىيەنىڭ، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق 7 دۆلەت ۋە رايوندا تارماق شۆبىلىرى ئېچىلغان بولۇپ خەلقئارالىق بىر ئورگانغا ئايلانغان، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ۋە رايونلاردا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.