ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى توغرىسىدا 16-ئۆكتەبىر تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تور يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكۇر مەغپىرەت كامال رىياسەتچىلىك قىلدى.
رىياسەتچى دوكۇر مەغپىرەت كامال خانىم ئالدى بىلەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تور يىغىندا سۆز قىلغان فىرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دوكۇر مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش ساھەسىدىكى لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

دوكۇر مەمەتئىمىن ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولۇپ تۆت تۈرلۈك خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم پىلاننىڭ بىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاتا تىلى توغرىسىدا كىتاب تۈزۈپ چىقىش ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا كىتاب تۈزۈش خىزمىتىنىڭ بىر قانچە تەتقىقاتچىنىڭ كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەن بۇ يىل 2-ئايدا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكۇر مەمەتئىمىن ئابباس سۆزىدە يەنە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى، كەسپىي جەھەتتىن ئىنگلىز تىلى، خەلقئارالىق قانۇن قاتارلىق ساھەلەردە ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىش زۆرۇرلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن ياشلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئەنگلىيە ئوكۇسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ياشلار خىزمىتى مەسئۇلى دوكۇر بارات ئاچىنۇق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈزگەن پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرى ئادەم كۈچى، ئىككىنچىسى ئىقتىسادىي كۈچكە ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ، بەزى چوڭ پىلانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇقىم ۋاقىت چىقىرىپ، پۈتۈن كۈن ئىشلەش كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇ پىلانلار ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، مۇقىم مائاشلىق ئادەم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يوقلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكۇر نامەتجان مەمەت ئەپەندى، ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنىڭ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبە بولمىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، يەنە بىر مەسىلىنىڭ ئۇنىۋېرىسىتېتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ توي قىلىش يېشىغا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن توي قىلىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئۆرلەپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئاساسىي مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور نامەتجان بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن ئۆرلەپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ چىقىپ ئۇلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى ۋە ئۆزلىرى قىزىقىدىغان كەسىپلەر بويىچە ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكۇر مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر، ئۇيغۇر ياشلىرىنى سەرخىل شەكىلدە تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى مائارىپ ساھەسىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر بالىلارنى بىر ئىككى يىل مەلۇم كەسىپتە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ قويۇش ئەمەس، ياكى ئۇ بالىلارنى ياخشى ئۇنىۋېرىسىتېتقا ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئەمەس بەلكى ئۇ ياشلارنى قانداق قىلىپ مۇشۇ ئۇيغۇر خەلقىگە كۈچلۈك بىر قوشۇن قىلىپ ھازىرلىيالايمىز دېگەن ئوقۇمنى ئاساس قىلىپ ماڭىمىز».
يىغىن رىياسەتچىسى دوكۇر مەغپىرەت خانىم قوشۇمچە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ياشلىرىمىز ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ئوقۇشتىن چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ، ۋەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دەۋاسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمكارلىشىش كېرەك، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا گۇرۇپپا روھى بولۇش كېرەك، پەرزەنتلىرىمىزنى مۇشۇ روھ بىلەن يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك، بىر گۇرۇپپا بىر يەرگە كەلگەن ۋاقىتتا، ھەممىمىز بىرلەشكەندە بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە پىلانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىش، بىر پۈتۈن ئىشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش دېگەن ئوقۇمنى ياشلارغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك».
دوكۇر مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماقلىرى قۇرۇلۇشتىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، قۇتادغۇبىلىك ئىنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىنستىتۇتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خەلقئارادا ئورتاق نامدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
