ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۇرسىنىڭ 2-قېتىملىقى 2-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆي ئىشخانىسىدا باشلاندى.
كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشقان بۇ تەربىيەلەش كۇرسى پىروگراممىسىدا ئالدى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور راھىلە كاشىغەرى خانىمنىڭ «بىر مىللەتنىڭ قۇتۇلۇشىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى - ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھ» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى. كۇرستا مىللىي روھنى كۈچەيتىش ۋە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش نىشان قىلىندى.
كۇرستا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى دوكتورانتى مېھىرىئاي شىرئەلى خانىم «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مىللىي ئويغىنىشتىكى رولى»، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مائارىپ بۆلۈمى مۇدىرى دوكتور مەھمۇتجان ئۆزئۇيغۇر «بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا پەن-تېخنىكىنىڭ رولى - سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىل»، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر ئەپەندى «نۇتۇق ۋە خىتاب ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە كاشغەرىي خانىم، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھ» دېگەن تېمىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تېمىغا كىرىشتىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزمۇ، پۈتۈن تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئومۇمى يازما ئەدەبىياتى مەڭگۈ تاشلاردىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۈزۈلۈپ قالماستىن ئىزچىل ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئەدەبىي تىل بىلەن يېزىلغان ئەدەبىياتىمىز بار. بولۇپمۇ مۇشۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەلقنى ئويغىتىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ رول ئويناپ كەلگەن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق ئەدەبىي ئەسەرلەر مىللىي روھنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان».
2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان نۇرغۇن ئىلمىي، دىنى، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تارىخى رومانلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى مەلۇم. ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئەدىب، يازغۇچىلار تۈرمىگە تاشلاندى ۋە ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
راھىلە كاشغەرىي خانىم بۇنداق ئەھۋالدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە چەكلىنىش سەۋەبى بىلەن ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داۋاملىشىشى تېخىمۇ مۇھىم. بىزنىڭ تىلىمىزمۇ خىرىسقا دۇچ كەلگەن، يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىياتىمىزنى ئىجاد قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىجاد قىلساق بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ قوغدىلىشىغا ئەدەبىي تىلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشقان بولىمىز».

ئۇ، يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەۋلادلارغا تارىخنى ئۆگىتىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى يېزىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق تارىخنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان. بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن كېيىن نۇرغۇن ئېسىل رومانلار يېزىلدى. بۇلارنىڭ كۆپى تارىخىي رومانلار. بۇ تارىخى رومانلار بىزگە مەيلى يېقىنقى زامان تارىخى بولسۇن، مەيلى قەدىمكى تارىخ بولسۇن، ياكى مۇھىم تارىخى شەخسلەر بولسۇن مۇھىم ۋەقەلەر بولسۇن ھەممىسى تارىخنى بىلدۈرۈش رولىنى ئوينىدى. يازغۇچىلىرىمىز ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى. ياشلار بۇلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ تىلىنى، يەنى ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەم تارىخىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ياش-ئەۋلادلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ۋەقەلەر رېئال ھەقىقىي بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىدۇ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق يولدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش بىلىپ چوڭ بولىدۇ».
بىز يەنە ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى نەسىبە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەسىبە بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىنكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ياشلارنى يېتىشتۈرۈش تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىمەن. بۇ دەرسلەردە ئۇيغۇر تارىخى بولسۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولسۇن ۋە بۇنىڭغا قوشۇمچە بولۇپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى دېگەندەك مەزمۇنلاردا دەرسلەر ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ دەرسلەر بىزنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە ھەمدە مۇشۇ مىللىتىمىزنىڭ دۇچار بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ياردەمچى بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قانداق رول ئوينىيالايدىغانلىقىمىز ۋە ئۇيغۇر مىراسلىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىرلەرنى ھەمدە دەرسلەر ئۆگەنگەن بولدۇق».
بىز يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ياشلار بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمەن دولۇنئاي تەڭرىتاغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولۇنئاي بۇ كۇرس توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياشلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن پىروگرامما خېلى ئۈنۈملۈك ئۆتۈۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە پىلانلار تۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۇ كۇرستىن ياشلار ئارىسىدا بىرلىكنىڭ كۈچىيىشىنى ۋە ياشلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئاكتىپ رول ئېلىشىنى نىشان قىلىمىز».
بىز يەنە رەھىمە ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە ئۆزىنىڭ بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ كۆپ پايدىلانغانلىقىنى، بۇ دەرسلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆپ پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، : «ئۆزۈمنى ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ياشلارنىڭ ئارىسىغا تاللانغاندەك ھېس قىلدىم»، دېدى.
