ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېرلىن ۋاكالەتچىلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.06.16
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېرلىن ۋاكالەتچىلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 11-ئىيۇن.
Social Media

6-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق يوقىرى دەرىجىلىك سىياسىيەتچىلەر قاتناشقان. بۇ يىغىنغا يەنە دوكتور ئادريان زېنزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشقان.

بۇلارنىڭ بىر قىسمى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا نەق مەيداندىن قاتناشقان بولسا، بەزلىرى تور ئارقىلىق قاتناشقان.

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرامون خانىممەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەخسۇس پىكىر بايان قىلغان.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 11-ئىيۇن.

بۇ پائالىيەتكە يەنە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا بېشىدىن ئ‍ۆتكەن دەھشەتلىك قىسمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

ياۋروپادا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە مەزكۇر مەسىلىدە تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق بىر جىددىي ۋەزىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ بېرلىن ۋاكالەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى باستۇرۇش سىياسەتلىرى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دەلىل-ئىسپاتلار گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە لوندوندا داۋاملاشقان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ياۋروپا ۋە گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرگەن. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 19-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاراۋۇزى ھېسابلانغان گېرمانىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىچە ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى، ھەتتا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.