ئادرېئان زېنز: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى»

0:00 / 0:00

5-مارت كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇن تەدبىرلەر توغرىسىدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەسمىي تەستىقلىشى بىلەن ئاندىن كۈچكە بولىدىغان ۋە ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەمدە ئاللىقاچان ياۋروپا بازىرىغا كىرىپ بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش ياكى يوقىتىشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتنىڭ 5-مارت كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«كېلىشىلگەن ماددىلارغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتلەر ۋە دۆلەتلەرگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىدىن گۇمان قىلىنغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەن دەپ يەكۈن چىقىرىلسا، دائىرىلەر ئالاقىدار تاۋارلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرى ۋە تور بازىرىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، چېگرادا مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئاندىن مەھسۇلاتنى يىغىۋالسا، ئىئانە قىلىۋەتسە ياكى يوقاتسا بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ياكى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە تاۋارلارنى شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگەتمىگۈچە تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى 5-مارت سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئىمزالىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق كېلىشىمنى «بۆسۈش خاراكتېرلىك» دەپ تەسۋىرلىگەن.

قانۇن لايىھەسىنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، ئالاھىدە دوكلات تەييارلىغۇچى سامىرا رافالا (Samira RAFAELA ) خانىم باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بىر بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئادىل سودىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر قەدەم.»

قانۇن لايىھەسىنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ يەنە بىرى بولغان مارىيا-مانۇئېل لېيتو-مارك خانىم باياناتتىكى سۆزىدە، «بۈگۈن بىز ھاسىل قىلغان كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەش، شۇنداقلا دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش قورالىمىز بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە يەنىمۇ كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر بېسىم ئاستىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم. بىراق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچى، دوكتور ئادرىيان زېنز، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمىگە سوئال قويماقتا. ئۇنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، بۇ قانۇندا بىر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتىكى ئەمەلىي كۈچى سوئال پەيدا قىلىدۇ. قانۇندىكى ماددىلار بويىچە بىر مەھسۇلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. شۇڭا بۇ قانۇننىڭ قانداق كۈچى بولىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.»

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ دېيىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئەسلى «مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى يۇقىرى رايونلار» نى بېكىتىپ چىقىپ، ئۇ يەردىن كىرگەن ماللارنى تەكشۈرمەيلا چەكلەش ھەققىدىكى ماددا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولغاچقا، قانۇن لايىھەسىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان نۇسخاسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. شۇڭا ئۇ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا نىسبەتەن كۆپ ئاجىزلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەيلا چېگرادا تۇتۇپ قالىدۇ، بىراق ياۋروپانىڭكىدە بولسا تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان مۇددەتتە مەھسۇلاتلار بازارغا كىرسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇلار مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى.»

بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى ۋە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى سامىرا رافالا خانىم ئىشخانىسى بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتىكى ئۈنۈمى ھەققىدە سوئال سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلاردىن جاۋاب بولمىدى.

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا 27 مىليون ئادەم زامانىۋى قۇللۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىكەن. بۇلارنىڭ 15 مىليوندىن كۆپى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئەڭ كۆپ بۇ رايوندا ئىكەن. مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئەمما دۆلەت قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تىپىك مىسالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدىكەن.

ياۋروپا بازىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان پاختا - توقۇمىچىلىق، پەمىدۇر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كۈنتاختا ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان بازارلارنىڭ بىرى. تېخى يېقىندا ئامېرىكا تاموژناسى بېنتلېي(Bentley)، پورشې(Porsche) ۋە ئاۋدى(Audi) قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن تاموژنادا تۇتۇپ قالغان ۋە نەتىجىدە مىڭلىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن ئىدى.

دوكتور ئادرىيان زېنز سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مۇشۇنداق ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بىر قانۇننى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، بۇ بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەنمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ياقتىن بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىشى تۈپەيلىدىن يېتەرلىك سىياسىي تەشەببۇسكارلىق كۆرسەتمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە سىستېمىلىق تاقابىل تۇرۇش ئورنىغا، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مەركەزلەشكەن.»

دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ يىل 2-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت «2023-يىلى ۋە 2024-يىلىنىڭ بېشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق يۆتكەش ئەھۋالىنى باھالاش» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى پاكىت-دەلىللىرى بىلەن ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.