ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىسسىيەسى 20-ئۆكتەبىر ئاخىرى ئۆزىنىڭ «دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش ۋە دەپسەندە قىلىشقا قارىتا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش نىزامى» يەنى «يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ياۋروپا پارلامېنتىغا سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە بالتىق دۆلەتلىرىدەك يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگو مېخانىزمىغا ئىگە بولىدۇ.
ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ماروس سېفچوۋىچنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگو مېخانىزمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەيلى قەيەردە، كىم بولسا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىدىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 20-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
ماروس سېفچوۋىچ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا كومىسسىيەسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار-بىخەتەرلىك ئالىي كومىسسارى بۈگۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش ۋە دەپسەندە قىلىشقا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش نىزامى ھەققىدىكى بىرلەشمە قانۇن لايىھەسىنى سۇندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر يەرشارى ئېمبارگو مېخانىزمى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندا ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەيلى قەيەردە، كىم بولسا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز ۋە دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىدۇ».
ماروس سېفچوۋىچنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر قانۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش، ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش دېگەندەك تەدبىرلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بىرلەشمە مېخانىزمدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا كومىسسىيەسىگە ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى» دېگەن.
ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ قارارى دەرھال بەزى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ لاتۋىيەلىك ئەزاسى ساندرا كالنىتېنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مېخانىزمنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان شەخسلەرنى جازالىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ، 20-ئۆكتەبىر ياۋروپا تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆز قىلىپ، «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مېخانىزمنى ئىشلىتىپ، بېلارۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا، شىنجاڭ ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىز لازىم. بۇ شەخسلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى رەت قىلىنىشى، مال مۈلكى توڭلىتىلىشى كېرەك» دېگەن.
ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ قارارى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدلەندۈرگەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى لۇسىيە پارۇچى 20-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى مېخانىزمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇسىيە پاراچى: «بۇنداق بىر زور ئۆزگىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قارىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى، يېڭى ئېمبارگو مېخانىزمى مەۋجۇت ئېمبارگو مېخانىزمىنىڭ ئورنىغا ئالماشمايدۇ. ئەمما بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ھەرىكەتچان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ».
لېكىن لۇسىيە پارۇچى خانىمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگو مېخانىزمى يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش زۆرۈر ئىكەن. لېكىن ئۇ يېڭى ئېمبارگو مېخانىزمىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالمايدىغان خەلقلەرنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قورال» ئىكەنلىكىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇسىيە پارۇچى مۇنداق دېدى: «مەن مانا بۇ، مەزكۇر يېڭى ئېمبارگو مېخانىزمىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنى مۇھىم قىلىۋاتقان سەۋەب، دەپ قارايمەن. قىسقىسى، بۇ قانۇن ئۇنىڭدا ئېيتىلغاندەك›جىسمانىي، ئىقتىسادى ۋە سىستېمىلىق چېرىكلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىق خورلاش ۋە جىنايەتكە ئىشتىراك قىلغان‹دۆلەت ياكى غەيرىي دۆلەت ئاكتىيورلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولىدۇ».
بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئېمبارگو مېخانىزمىدا بىرەر دۆلەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي نىشانىدىكى ئاساسلىق دۆلەت ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى مەركىزى فىرانسىيەدىكى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى دىلنۇر رەيھان 20-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى بىرەر دۆلەتنى نىشان قىلمىغان. ئەگەر ئۇ خىتاينى نىشان قىلسا خېلى كۆپ دۆلەتلەر ئىمزا قويغىلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۈمىدى ئالدى بىلەن ئىمزا قويدۇرۇپ، ئاندىن مەلۇم بىر دۆلەتنى يەنى خىتاينى نىشان قىلىشتۇر».
دىلنۇر رەيھاننىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە بۇ قانۇننىڭ ئىمزا قويۇلۇشى بىلەن ئىجرا قىلىنىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەسىلە ئىكەن. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ بۇ قانۇننى بىردەك ئىجرا قىلىشى ناتايىنلىقىنى بىلدۈردى. دىلنۇر رەيھان مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا ئىجرا قىلىنىش مەسىلىسىدە بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بىردەك ئىجرا قىلىنىشى ناتايىن. ئەمما ياخشى يېرى فىرانسىيە، گېرمانىيەدەك كۈچلۈك ئەللەر ئۆز دۆلەتلىرىدە ئىجرا قىلالايدۇ».
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى لۇسىيە پارۇچىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تېخى تەييار ئەمەس ئىكەن. ئۇ: «ئېمبارگو قورالى ئىشلىتىلىشكە تەييار بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، نۇرغۇن قارارلارنى ئالغان، ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتى بەرگەن، نۇرغۇن باياناتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تېخى تەييار ئەمەس، دەپ ئويلايمەن».
بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئېمبارگو مېخانىزمى ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىغان ھازىرقى مەۋجۇت ئېمبارگو مېخانىزمىغا ئوخشىمايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى ئېمبارگو مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئۇ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان شەخسلەرنى نىشانلايدىكەن.
0:00 / 0:00