مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەستىقلىغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» ھەققىدە توختالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.11.22
غۇلجا ناھىيەسى توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىدىكى تىككۈچىلىك سېخىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 14-ئاۋغۇست، غۇلجا
xjyn.gov.cn

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى (Council of The EU) 20-نويابىر كۈنى «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» (The Forced Labor Regulation) نى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قىسقىچە «FLR» دەپ ئاتالغان بۇ نىزام، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلار ۋە زاپچاسلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي سېتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ قانۇن يەنە ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خېلېن دې رېنگېرۋ (Hélène de Rengervé) يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مەخسۇس مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇنلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەستىقلىغان بۇ يېڭى نىزامنى مەخسۇس تونۇشتۇرغان.

ئۇ ماقالىسىدە دۇنيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار ھەققىدە مۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «2022-يىلدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا بولغان مۆلچەرىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 17 مىليون 300 مىڭ ئادەم مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتىكەن. بۇ سان 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 8 پىرسەنت ئاشقان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 3 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تۈركمەنىستان ۋە شىمالى كورېيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتىكەن. شىركەتلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئالغان پايدىسى ھەر يىلى 63 مىليارد 900 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.»

خېلېن دې رېنگېرۋ خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولغان. ياۋروپا پارلامېنتى، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بىرەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، خىتاي بىلەن بۇنداق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا قارار بەرگەن. ئاشۇ قېتىملىق قارار بۈگۈنكى «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» نىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان. مەزكۇر نىزام 2028-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

 ياۋروپا ئىتتىپاقى تەستىقلىغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى»، ئامېرىكادا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە ئامېرىكانىڭ بەزى مەھسۇلاتلارغا قويغان تاموژنا بېجىغا ئازراق ئوخشايدىكەن. خېلېن دې رېنگېرۋ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر نىزامنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش، يەنى ئامېرىكا چېگراسىدا توسۇلۇپ قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈش، خەتەر ئاستىدىكى رايونلارنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بەزى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئورتاقلىشىش قاتارلىق تېمىلاردا ئامېرىكا قاتارلىق ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەستىقلىغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالىنى ئېلىش نىزامى» بىلەن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «UFLPA نۇرغۇن جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك. ئالدى بىلەن، UFLPA گە ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى شۇ يەردىكى يەرلىك ئورگاننىڭ تەستىقلىشى كېرەك ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن شىركەتلەر ئۆزلىرى ئۇيغۇر رايونى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامىدا بولسا، جۇغراپىيەلىك نىشان ئېنىق ئەمەس. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن كەلگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنى نىشان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ مەلۇم بىر دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەككىلا خاس ئەمەس. ئۇ شەخسىي تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ۋە دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

خېلېن دې رېنگېرۋ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىۋاتقان دۆلەت ياكى ئالاقىدار شىركەت ھەمكارلاشمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قارار چىقىرىشىغا زۆرۈر بولغان بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغان ماددىلار بار ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ خانىم مەزكۇر يېڭى نىزام ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ نىزامنىڭ تەستىقلىنىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېرىلگەن جاۋاب بولدى. بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن زور غەلىبە» دېدى.

مايا ۋاڭ خانىممۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇنىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا نۇسخاسىغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامى ئاجىزراق. ئامېرىكادىكىسى ئۇيغۇر رايونىغا خاس. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ شىنجاڭنى خەتەرلىك رايون دەپ بېكىتسە، بىر قىسىم نازارەت قىلىش مېخانىزمى قوزغىلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نىزامىدا شىنجاڭدىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغانلىقىنى پەرەز قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ نىزامىنى ئاجىز قىلىدىغان نۇقتا دەل مۇشۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ بىر چوڭ قەدەم. كېيىنكى قەدەمدە ئىجرا قىلىش ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوينايدىغان رولى مەسىلىسىدۇر. بۇ نىزامنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ماقۇللانغانلىقىنى كۆرۈش ناھايىتى قالتىس ئىش. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بىز ئەنگلىيەدە بۇنىڭغا دائىر بىرەر نىزام ياكى قانۇننى كۆرمىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى ماقۇللىشى كېرەك.»

خېلېن دې رېنگېرۋ خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان شىركەتلەرنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ توغرا تاللاش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەستىقلىغان نىزامىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر نىزام شىركەتلەرنىڭ تېگىشلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان. خېلېن دې رېنگېرۋ خانىم يەنە ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدا شىركەتلەرنىڭ مۇۋاپىق تىرىشچانلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى:

«شۇڭا بۇ ئۇچۇرنى قايتا-قايتا تەكىتلىشىمىز كېرەك: دۆلەت مەجبۇرلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك دائىرىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى ئۇ رايوندىن چېكىنىش.»

ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەم باسقۇچلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە بۇ بەلگىلىمە نىزام ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شىركەتلەرنىڭ ئۈچ يىللىق تەييارلىق ۋاقتى بولىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، 2028-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ نىزام رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا بۇ نىزام يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى-ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار (CSO) ياكى شەخسلەرنىڭ ياۋروپادىكى ئورگانلارغا «ئۇچۇر يوللاش» ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە مەھسۇلاتلار ھەققىدە ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق كىشى «مەن بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ ئەرز-شىكايەت سۇنسا، مەسئۇل ئورگانلار مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ، بايقاشلىرىغا ئاساسەن مەزكۇر مەھسۇلاتنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.