ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان فىرانسىيەدىكى نامزاتلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.06.05
Raphael-Glucksmann-2 ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان فىرانسىيەدىكى نامزاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا» ناملىق مەخسۇس مۇنازىرە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 31-ماي، پارىژ.
Dilnur Reyhan

31-ماي كۈنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان فىرانسىيەدىكى نامزاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا» ناملىق مەخسۇس مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغان. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدىكى سايلام پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى» دەپ يازغان.

مەزكۇر مۇنازىرە پارىژ ۋاقتى 19:00 دا پارىژدىكى داڭلىق تىياتىرخانىلارنىڭ بىرى بولغان گېيتې لىرىك (Gaité Lyrique) تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇنازىرىگە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن-سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann)، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ 5-نامزاتى ماجدولىن سىباي (Majdouline Sbai)، ھاكىمىيەت بېشىدىكى «قايتا گۈللىنىش» پارتىيەسىنىڭ 2-نومۇرلۇق نامزاتى بېرنارد گۇۋېتتا (Bernard Guetta) ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئويسال بۇغالېم (Ouisal Boughalem) قاتارلىق 4 نەپەر نامزات قاتناشقان.

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann) ئەپەندى مۇنازىرىگە مۇنازىرە مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. 2024-يىلى 30-ماي، پارىژ.
ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann) ئەپەندى مۇنازىرىگە مۇنازىرە مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. 2024-يىلى 30-ماي، پارىژ.
AP/Michel Euler

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇنازىرە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇنازىرە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ئۈچ ئاساسلىق تېمىدا ئۈچ سائەتكە يېقىن ئېلىپ بېرىلغان.

سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىزنىڭ رافائېل گلۇكسمەن ئەپەندىدىن سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئەلىس روسىگنول (Alice Rossignol) خانىم ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ، مۇنازىرىدىكى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دەپ يازغان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى› نىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇن 2027-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان قاتتىق ۋە تېز سۈرئەتتە ئىجرا بولۇشىغا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ ۋە ئۇنى يېڭىلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا چېگرانى قاتتىق قامال قىلىش كېرەك. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مەسئۇل ئورگانلارنى تەكشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، كېرەكلىك مەنبە بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. »

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann) ئەپەندى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىدە مۇنازىرىگە قاتنىشىش ئالدىدا. 2024-يىلى 4-ئىيۇن.
ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتناشقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش نامزاتى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann) ئەپەندى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىدە مۇنازىرىگە قاتنىشىش ئالدىدا. 2024-يىلى 4-ئىيۇن.
AP/Stephane de Sakutin

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تېررىتورىيەمىزدىكى خىتاي ساقچىخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شۇنداقلا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ياۋروپادىكى ھەر قانداق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز. ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بۇ مەخپىي ساقچىخانىلىرىغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك. »

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، سايلام نامزاتلىرى ۋە بۇ مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلار بىردەك، خىتاينىڭ فىرانسىيە تۇپرىقىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان پاراكەندىچىلىكىنى «فىرانسىيەگە قېلىنغان ھۆرمەتسىزلىك» دەپ قارىغان. 150 كىشىلىك مۇنازىرە زالى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار يۇقىرى كەيپىيات بىلەن بۇ مۇنازىرىنى ئاڭلىغان.

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ماجدولىن سىباي خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ تۈردىكى مۇنازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ تېما نۆۋەتتىكى ئەڭ رېئال تېما. ھەتتا ھېچقانداق گېزىت-ژۇرناللار بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلار مۇشۇنداق مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەسىلەن، مەنمۇ بۇ مۇنازىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئەھۋالدىكى باشقا مىللەتلەرگە قانداق ياردەم قىلىشىمىز ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان تەدبىرلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ناھايىتى ئاسان، ئەمما بۇ يەردىكى كىشىلەرگە (ئۇيغۇرلارغا) ھەقىقىي ياردەم قىلىش بىر ئەمەلىي ئىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپادا بىز دېيىشكەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش لازىم. »

ئۇ يەنە ئۆز پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بېلەت تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەر دائىم بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى كىشىلەرنى قوغدايمىز. بىز ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن مۇئامىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونۇغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىمۇ ئەيىبلەپ كەلدۇق. مەن بىر جەمئىيەتشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، تىنچ بىر جەمئىيەت يالغۇز بىر توپلۇق بىلەنلا قۇرۇلمايدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى بەك مۇھىم بىر ئورگان، مەن كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ماڭا بېلەت تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پارتىيەمىز ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئىنسانلارنىڭ جەمئىيىتىمۇ ئوخشاش، بۇ سىستېمىدىكى بىر يەر بۇزۇلسا، پۈتۈن سىستېمىغا تەسىر قىلىدۇ، ياشىغىلى بولمايدۇ. تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ سىستېمىسى ئوخشاش، بۇ سىستېمىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىرىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈرەش قىلىۋاتىمىز.»

مەزكۇر مۇنازىرىنى ئاڭلاشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە فىرانسۇز ياشلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار نامزاتلاردىن ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان. ئۇلارنىڭ ئېچىدىن بىرى ئالبىرت ھىنرى (Alber Henry) ئىسىملىك ياش بولۇپ، ئۇ مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب جەريانىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ نامزاتى بېرنارد گۇۋېتتاغا قارىتا پىكىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

ئالبىرت ھىنرى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۈمە كۈنى مەن ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ‹قايتا گۈللىنىش› پارتىيەسىنىڭ تىزىملىكىدىكى 2-نومۇرلۇق نامزات بېرنارد گېتتانى تەنقىد قىلدىم. ئۇنىڭدىن كىمنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقنى سورىدىم. ئۇ يەردە دېگەنلىرىمنى قايتا تەكرارلايمەن: بىز تارىختا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن بۇيان يەنە بىر ئېتنىك مىللەت (توپلۇق) كە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ قامالنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماي، خاتىرجەم ياشىيالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لاگېرلارنىڭ تاقىلىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئاخىرىدا دىلنۇر رەيھان خانىم، بۇ قېتىملىق مۇنازىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا تارتىشىلىدىغان ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇشى ئۈچۈن تۈرتكە بولغانلىقى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 2024-يىللىق سايلام 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دىلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سايلامغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە 27 دۆلەتنىڭ نامزاتلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام 9-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.