«ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» ئۆزىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.09.11
yawropa-uyghur-ansambil-ezaliri.jpg شىۋېتسىيەدە تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى. 2019-يىلى ئاۋغۇست.
Mezkur ansambil ezaliridin Yashar Hemdulla ependi teminligen

نۆۋەتتە ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ياۋروپانىڭ شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 16 نەپەر سەنئەتكارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھىرىدىكى كونسېرتىدا ئورۇندالغان تۇنجى نومۇر ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە.

مەزكۇر ئۆمەكنىڭ بېلگىيەدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك كونسېرتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نى قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا باشلىغاندىن بۇيان، بىر يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىش، كونسېرت نومۇرلىرىنى بېكىتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تارقاق ياشاۋاتقان بىرقانچە قېتىملىق باش قوشۇپ جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە ئاخىرقى بىر ھەپتىدە بېلگىيەدە كۆرۈشۈپ جاپالىق تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، 7-سېنتەبىر كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا، بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن شەھىرىدىكى لىئېر سەنئەت مەركىزىدە تاماشىبىنلارغا نامايان قىلغان.

دۇتار شاھى نامىدا ئەلگە تونۇلغان سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ شاگىرتى دۇتارچى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز مەزكۇر ئۆمەكنىڭ باشلىقى ۋە غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى.

دۇتارچى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى تۇنجى نۆۋەتلىك كونسېرتىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن سەھنىدە سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالغان.

ئۇ بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ، بۈگۈن تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى سۇنۇشىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ئانا يۇرتتىن يىراق بولغان ياۋروپا تۇپرىقىدا نامايان قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كونسېرتتا مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندى ئورۇندىغان ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىسى تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن نومۇرلارنىڭ بىرى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە كونسېرت كېچىلىكىدە يەنە مەشھۇر ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە ناخشىچى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشىسى ئورۇندالغاندا، مەيداندا ئالقىش سادالىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ بېلگىيەدىكى كونسېرتىنى كۆرۈش ئۈچۈن خوڭكوڭدىن ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ، 11 سائەتلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن تونۇلغان پائالىيەتچى جېسسىكا ئىنگىخام خانىم ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ھېرىسمەنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، بېلگىيەدىكى سەنئەت كۇلۇبىدا نەق مەيداندا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىشىنىڭ ئۇنىڭدا ئۇيغۇر سەنئىتىگە بولغان ئىشتىياقنى تېخىمۇ ئۇلغايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جېسسىكا خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئېغىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋاقتىنى قۇربان قىلىش، جاپالىق مەشىقلەر ھېسابىغا مۇشۇنداق بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك سەنئەت كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇش روھىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز مەدەنىيىتىنى سۆيۈش، ھەرقانداق بېسىمغىمۇ تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىنسانغا غەيرەت ۋە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بېلگىيەدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىنلار ئىچىدە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلاردىن باشقا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر ھەتتا ئوكيان ئاتلاپ كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئۇلارنىڭ كونسېرتىغا ئالقىش ياڭرىتىشى، كونسېرتتىن كېيىن ئۇلارغا بەرگەن يۇقىرى باھالىرى ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سەنئەتكارلار نەسىمە ئەركىن خانىم ۋە مۆمىنجان راخمان ئەپەندىلەر مەزكۇر ئۆمەكنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئويۇنىدا رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

قازاقىستاندىن كېلىپ فرانسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان نەسىمە ئەركىن خانىم بىر يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەييارلىقلار ئارقىلىق بۇ قېتىملىق كونسېرتتا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارالغان 17 نومۇرنىڭ تاللاپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بايانىدا ئاخىرقى بىر ھەپتىدە 16 كىشىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى ئارقىلىق، تاللانغان نومۇرلارنى يۇقىرى ماھارەتتە سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، كونسېرتنىڭ تۇنجى مەيدانىدىلا تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق كونسېرتى 8-سېنتەبىر كۈنى يەنە گوللاندىيەنىڭ ئۇترېسخت شەھىرىدىكى خېت ۋېلدې ۋېستېن تىياتىر زالىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 8-سېنتەبىر كۈنى گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە گوللاندىيەدىكى يەرلىك ئاھالىلەر كونسېرتنى كۆرگەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا نەسىمە خانىم يەنە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ بۇ قېتىمقى تۇنجى نۆۋەتلىك كونسېرتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆمەكتىكى 16 نەپەر سەنئەتكارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۆمەكنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلان-مەقسەتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە سەييارە ئويۇن قۇيۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا-سەنئىتىنى نامايان قىلىش ۋە مەلۇم ئىقتىسادىي مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يېتىم بالىلار ھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.