ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ يولىغا ئەگىشەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-09
Share
گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى.
Photo: RFA

ئامېرىكا بىلەن كانادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن گوللاندىيەمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلدى. ئارقىدىن ئەنگىلىيەنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكى سىياسىي كۆزەتچىلەر تەرىپىدىن تەخمىن قىلىنماقتا. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللانغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغانىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى 3-فېۋرال يېڭى تاشقىي سىياسەت پىلانىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئامېرىكادىن كۆڭلى سوۋۇپ قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، ئامېرىكاغا قانچىلىك يېقىنلىشىدۇ؟ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشەمدۇ؟ بىز سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت ئېلىپ باردۇق.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن كاناداغا ئەگىشىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يول قويىدىغان يېرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «گوللاندىيە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلدى، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، ياۋروپادىكى ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنداق قارار ئېلىشى مۇمكىن،» دېدى.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئامېرىكادىن ئايرىم سىياسەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ باشتا كېلىدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېكىتىش مەسىلىسىدە گېرمانىيەگە خىزمەت ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا ئەگىشىش-ئەگەشمەسلىكى ئىقتىساد بىلەن باغلىنىپ كەتكەن؛ ئىقتىساد ۋە سودا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا «ۋال-سترېت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون تەھدىتىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى رومىنىيە، كرودىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇشقا باشلىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشقا ھەمدە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىگە مايىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ دۆلەتلەر خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ چاقىرىش تۈرلىرىنى بىكار قىلغان ياكى تەدىبر قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. پولشا ھۆكۈمىتى بىرىنچى بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە قارشى چىققان. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا خىتاي بىلەن سودىلىشىشقا مايىل ئىكەن؛ بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا زىددىيەت پەيدا قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» بەلكىم كېلەر يىلى تەستىقلىنىدىغان بولسىمۇ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ كېلىشىمگە قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «17+1» (بۇ يەردىكى 17 ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 17 دۆلەتنى، 1 بولسا خىتاينى كۆرسىتىدۇ) تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى لىتۋا، لاتۋىيە، ئىستونىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە، سلوۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بۇ يىغىنغا پەقەت مىنسىتىرلارنى ئەۋەتىپ قويغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ يىغىن توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىدا 5 چوڭ ئەزا دۆلەت بىلەن 12 كىچىك ئەزا دۆلەتكە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىق» دەپ قارىغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ توغرا ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئۇرۇشلا بولمىسا، ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن خىتايغا يالغۇز تاقابىل تۇرۇشى تەسكە توختايدۇ. ياۋروپامۇ ئەگەر ئامېرىكاغا ئەگەشمىسە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ،» دېدى. ئۇ ياۋروپانىڭ ھامان ئامېرىكاغا ئەگىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر ئۈمىد ۋە پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، كانادا پارلامېنتىدىن كېيىن گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن خىتايغا بىرەر تەدبىر قوللىنىدىغان ئالامەت كۆرۈلمىگەن. ھۆكۈمەتلەر ئاساسەن پايدا-مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-فېۋرال بەرگەن بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ستېف بلوك (Stef Blok): «ھۆكۈمەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلانمىدى،» دېگەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنىڭ بىر قەدەر تەس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: «ھۆكۈمەتلەر كۆپىنچە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئويلاپ ئىش قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلار بۇ ئىشقا خەلقئارا سوت ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق بىر سىياسەت تۈزگەندە بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدىكەن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە لاگېردىن چىققان شاھىتلار ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قارار ئېلىشى ۋە سىياسەت تۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت