ياۋروپا پارلامېنتى قارارنامە ماقۇللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
2024.10.10
10-ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەيدىغان قارارنامە ئېلان قىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى قارارنامىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
ياۋروپا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قاراردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغماس قىلىش، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش قاتارلىق قەبىھ سىياسەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ۋە تەقىبلەشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇپ، ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى تەشكىل قىلىدۇ.»
كەسكىن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن قارارنامىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشقا يول قويۇشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى 10-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۈچ قارارنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى ھەمدە ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا سۆز قىلىپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارنامىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەدەم گۈلشەن ئابباس ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە، ياۋروپا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىرئاز جىمىپ قالغان ئىدى. بەلكىم بۇنىڭغا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداقتىمۇ، بۇ مەسىلىنىڭ پارلامېنتتا كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ X تە ئېلان قىلغان باياناتىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالغان. ئۇلار «ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئادالەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۈرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى، ئامېرىكادىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام مەزكۇر قارارنامىنى «ناھايىتى زور قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزىدە «بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يېڭى نۆۋەتلىك پارلامېنت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. ئۇ يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:
«مەنچە بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ناھايىتى زور قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېڭى نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپتە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاراردا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئاتالغۇسى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە كۈچلۈك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر بايانغا قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك.»
ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئورتاق قارارنامىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بۇ ھەقتىكى كونكرېت تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار قارارنامىسىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئورۇنلارغا قوشۇمچە جازالارنى يۈرگۈزۈشكە؛ خىتاي بىلەن بولىدىغان بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە؛ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى يېڭىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر كونكرېت ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا» دەۋەت قىلغان.
قارارنامىدە يەنە ئەزا دۆلەتلەر بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋە جاۋابكارلارنى جازالاشقا، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق ياۋروپا شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئېلان قىلغان بۇ ئورتاق قارارنامە 540 ئاۋازنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، 23 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى ۋە 47 ئاۋازنىڭ تەرەپسىزلىكى بىلەن ئېلان قىلىنغان.
مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان بۇ قارارنامە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن، چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ-كېلىشىگە يول قويۇش ئارقىلىق رايوننىڭ ھەممە كىشىگە ئوچۇقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان، شۇنىڭدەك بۇنى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قوزغىغان ئىقتىسادى ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
مەزكۇر قارارنامىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن پارلامېنت ئەزاسى مېرىيام لېكسىمەن خانىم (Miriam Lexmann) خانىم X تىكى ئىنكاسىدا «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىگە سالىمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۆز قىلىش ئىرادىسىدىن ھەرگىز قايتمايدۇ. تەھدىت ۋە ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى بىزنى ئەركىنلىكىمىز ۋە خەۋپسىزلىكىمىزنى مۇداپىئە قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ» دەپ يازغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوللاپ سۆز قىلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىڭتۈەنگە قارشى جازا تەدبىرى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولغان ياۋروپادىكى 10 پارلامېنت ئەزاسىغا، شۇنداقلا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى قاتارلىق تۆت ئورۇنغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى قويغان ئىدى.