خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلىرى داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.12.21
خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلىرى داۋاملاشماقتا ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى رايىنخارد بۈتىكوفېر.
Social Media

«بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، 18-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك «خىتايغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش» مەسىلىسىنى تالاش-تارتىش قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى رايىنخارد بۈتىكوفېر «مۇتلەق رەۋىشتە جازالاش كېرەك» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان گوللاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى كاتى پىرى بولسا «ياۋروپا بازارلىرىدا ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان بىرمۇ كىيىمگە ئورۇن بېرىلمەسلىكى كېرەك» دېگەن. سىلوۋاكىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى مىرىئام لېكىسمان خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە توختالغاندا «خىتاي خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھازىرغا قەدەر ھېچ پايدىسى بولمىغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى، يەنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىشقان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 8-دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بولغان «ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللىغاندا، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇنغا بىنائەن جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقان. 17-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 23 ماددىلىق قارارنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يەنە بىر بۆلۈڭ ئەزالىرى چېن چۈەنگو باشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەشەببۇسىدا بولغانىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قانۇن ۋە قارارلارنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە ئەمەلىيلىششىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش تەشەببۇسى ئەنگلىيەدىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن. «ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئۆزىنى كۆرسەتمەيدىغان» برىتانىيە يەھۇدىلىرىنىڭ دىنىي يېتەكچىسى ئىبراھىم مىرۋىس راببىنەر ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ «تەچلەس» ( Techles) ناملىق ھەپتىلىك گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ «ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا «مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇش، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قورقۇتۇلۇش ۋە تەھدىتكە يولۇقۇش» تەك ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىگە بۇندىن 70 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ قىسمەتلىرىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. «تەچلەس» گېزىتىدە 21-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «برىتانىيە دىنىي ئۆلىماسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلدى» ناملىق بۇ ئوبزوردا تەكىتلىنىشىچە، ئىبراھىم مىرۋىس راببىنەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ «مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغانلىقى»، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى جازالىشى لازىملىقىنى مۇراجىئەت قىلغان.

ئامېرىكا خىتاينى جازالاش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان، غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينى جازالاش توغرىسىدىكى سادالار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر چاغدا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ ئېچىنارلىق بىر ھادىسە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ خىتايغا ئوخشاشلا مۇستەبىتلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ 19-دېكابىر ئېلان قىلغان «خىتاي بىزنىڭ ھالىمىزنى مەسخىرە قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئولاف ئىن دەر بەك مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پەقەت مۇھىت ئاسراش كېلىشىملىرىنىلا ساقلاپ قېلىپ، باشقا بارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى بىكار قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

پارلامېنت ئەزاسى ئولافنىڭ بۇنداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تارقىتىپ، ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 500 مىڭ ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بولسا، ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى، خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىقى ھەم تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرىگە كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ۋە غەرب دۇنياسى كورونا ۋاباسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزىنىڭ تاۋار ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

ماقالىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئەجەللىك مەخپىيەتلىكىنى يوشۇرۇشىغا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشىغا، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ تۇتۇپ تۇرۇشىغا، تەيۋەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۇرۇش قوزغايمەن دەپ تەھدىت سېلىشلىرىغا قارىماي گېرمانىيە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ سېرىق ئەجدىھانى چەكلەش يولىدا ھېچقانداق بىر تەدبىر قوللانمىدى «.

گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى سانىلىدىغان ئولافنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە بانكىسى خىتاينى ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى، ماشىنا زاپچاسلىرى، دورىگەرلىك قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق ساھەلەردە تەربىيەلەش ئۈچۈن 500 مىليون ياۋرو قەرز بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش تامامەن خاتا ئىكەن. ئۇ سۆزىدە «گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقى بارغانسېرى تارىخنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن شۇنداقلا خىتايغا بەرگەن 500 مىليون ياۋرو قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ دەرھال قايتۇرۇۋېلىشنى تەكىتلىگەن.

ئولاف يەنە «بىز گېرمانىيەدە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىليونلاپ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىدى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىنى باستۇردى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلدى. دېمەك، بۇ يەردە خىتايغا قارىتا جىددىي بىر ھەرىكەت قوللىنىشقا ئېھتىياج بار» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.