30 دىن ئارتۇق يەھۇدىي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە خاتىمە بېرىش قانۇن لايىھەسىنى قوللىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021-01-17
Share
30 دىن ئارتۇق يەھۇدىي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە خاتىمە بېرىش قانۇن لايىھەسىنى قوللىدى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىنى قوللاش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان رېنې كاسسىن كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى مىئا ھاسېنسون-گروس خانىم.
Social Media

ئەنگلىيەدىكى 30 دىن ئارتۇق يەھۇدىي راببى ۋە جامائەت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«سودا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تونۇشتۇرۇلغان نۇسخىسى ئەنگلىيە سوت مەھكىمىلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بەرگەندىن سىرت، ئەنگلىيە تەرەپنى سودا پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان، ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەتكەن شىركەتلەر بىلەن بولغان سودا توختاملىرىنى بىكار قىلىش ئىمتىيازى بىلەنمۇ تەمىن ئېتىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېلەر ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق سيناگوگ ۋە ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، سىياسەتچىلەرنى سودا قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چاقىردى.

«يەھۇدىي خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللاش ھەرىكىتى رېنې كاسسىن كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مۇراجىئەتنامىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ «كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تىلنى چەكلەش، مۇقەددەس ئادەتلەرنى بۇلغاش، ۋە دىنىي سورۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش» قاتارلىقلارنى ئۆز‍ ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىندى.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ تىزىملىك يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئەلۋەتتە بىر قورقۇنچلۇق ئەسلىمىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بىز چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك.»

ئىمزا قويغۇچىلار ئىچىدە سىيناگوگلار بىرلەشمىسى راببانى كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىرى، نېۋكاستىل تاينې بىرلەشمە ئىبرانىلار جامائىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم دىنىي ئۇستازلار بار ئىكەن.

بۇ مۇراجىئەتنامىنى يەنە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ياشلار تەشكىلاتىمۇ قوللىغان.

بۇ بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە، ئەنگلىيە يەھۇدىي جامائىتى رەھبەرلىرى 14-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇلاردىن «سودا قانۇنى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ماددىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ ئەتىسى ئېلان قىلىنغان.

بۇ نۆۋەت ئاۋازغا قويۇلىدىغان سودا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئەنگلىيە ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن ۋە تۆۋەن پالاتادا كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ لايىھە 21-يانۋار ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت