يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolqun-eysa-rehime-yehudiy-teshkilat.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم لوندوندىكى يەھۇدىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن. 2020-يىلى ئاۋغۇست.
jewishnews.timesofisrael.com

ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇمغا، ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىۋاتقان بۇ خەلقئارالىق جىنايەتكە مۇسۇلمانلار دۇنياسى سۈكۈت قىلىۋاتقان، ھەتتا خىتاينى قوللاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار بۇ جىنايەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت باشلىغان.

بۇ يىل 31-ئىيۇل «يول ئاچقۇچى» تورىدا ئەنگلىيە يەھۇدىي دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا دىنىي داھىيلاردىن بىرى بولغان رابى جوناتان سەكسنىڭ «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ ۋىجدانىمىز دىنىي ئېتىقاد پەرقىدىن ئۈستۈن كېلىشى كېرەك. ئەگەر ۋىجدانىمىزنى يوقىتىپ قويساق، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويغان بولىمىز. بۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز ھەم بىر چەتتە قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «رېنى كاسسىن» (Rene Cassin) بۇ ئىشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان.

بۇ يىل 3-ئاۋغۇست، «ئاۋانگارتلار» تورىدا «ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىشىنى توسۇشقا قانداق ياردەم قىلالايدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار بىرلىشىپ ترامپ ھۆكۈمىتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم؛ بولمىسا بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىگە ئامال قىلالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكالىق يەھۇدىيلار خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك».

6-ئاۋغۇست «يەھۇدىيلار تەزكىرىسى» تورىدا «ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بۇ پاجىئەلەر 21-ئەسىردە، يەنى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا راستىنىلا يۈز بېرىۋاتامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان، ئاندىن: «يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ھەمدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئالاھىدە ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھەم چىدىغۇسىز ئەھۋال دەپ ئەسكەرتتۇق،» دېيىلگەن.

رەھىمە خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەھۇدىيلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن 2018-، 2019-يىللىرى لوندوندا ئورگان ئەتكەسچىلىكى توغرۇلۇق سوتتا تەرجىمان بولغان. شۇ جەرياندا بىر سوتچى مەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. 2019-يىل 5-ئايدا يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ‹رېنى كاسسىن› (Rene Cassin) بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم پائالىيەت قىلدۇق، بۇنىڭغا خېلى كۆپ يەھۇدىيلار ۋە مۇخبىرلار كەلدى. 2020-يىل 1-ئايدا ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىللەت ۋەكىللىرى پائالىيەت ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەھۇدىيلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇلدى.»

رەھىمە مەھمۇت خانىم يېقىندا يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىققا قارشى قوزغىلىپ كېتىشىدە، ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان چاچلارنىڭ ئەتكەس مال قاتارىدا تۇتۇپ قېلىنىشى دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

رەھىمە مەھمۇت خانىم يەنە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەگە بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭمۇ تارىختا مۇشۇنداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «بۇنداق قەبىھ جىنايەتنىڭ ئەمدى يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز» دەپ ئىرادە باغلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

دەم ئېلىشقا چىققان ئەنگلىيەلىك يەھۇدىي دوختۇر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياردەمچى پىدائىيسى شېلدون ستون ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ناتسىستلار پارتىيەسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتكە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، تارىختا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇنداق جىنايەتنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېلدون ستون ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ: «ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشقا، ئاندىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلغان زاۋۇتلار بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈم دوختۇر، شۇڭا خىتاينىڭ تېببىي دورىلىرىنى بايقۇت قىلىشنى، خىتاي بىلەن تېببىي تەتقىقات ساھەسىدە قەتئىي ھەمكارلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار تېببىي تېخنىكىلىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشتەك جىنايەتلەرگە ئىشلەتتى،» دېدى.

يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى، ھەتتا خىتاينى قوللىشى ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ئىنسانلارنى ئېچىندۇرماقتا.

9-ئاۋغۇست، ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى ۋە (Leading Britain’s LBC Conversation) رادىيو قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەجىد ناۋاز ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمان داھىيلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرغىنىدىن ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىنى ھېس قىلماقتا. سالمان راشىد ھەققىدە ئۆلۈم پەتىۋاسى چىقارغان ئىراننىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىققا لام-جىم دېمەيۋاتقىنىغا قاراڭ! ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كارتونىنى سىزىپ قويغانغا ۋاقىراپ-جاقىراپ كەتكەن مۇسۇلمان داھىيلارنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقىغا قاراڭ!»

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ: «مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئاجىز ھەم چېچىلاڭغۇ، ئۇلار ئەزەلدىن پەلەستىن مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئەيبلەپ، رۇسىيە بىلەن خىتايدىن مەدەت تىلەپ كەلدى. يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئىقتىسادىي مەنپەئەت مەسىلىسىمۇ بار. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشى ئىسلام دىنىغىمۇ، ھەققانىيەتكىمۇ، ئىنسانىي ۋىجدانغىمۇ تامامەن خىلاپ، بۇ بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ھەم غەزەبلەندۈرىدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.