د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيە يەھۇدىيلار جامائىتىگە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلار جامائىتى گېرمانىيەدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە زور تەسىرى بولغان تەشكىلاتتۇر.

12-ئاپرېل د ئۇ ق رەھبەرلىرى مەركىزى ميۇنخېندا بولغان گېرمانىيە يەھۇدىيلار جامائىتى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت بۈگۈن يەھۇدىيلار جامائىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بىلەن 1 سائەتتىن ئارتۇق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادولف ھىتلېر 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارغا قوللانغان سىياسەتنىڭ ئەينىسىنى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قوللىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تارىختا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئېغىر قىسمەتلەرگە يولۇققان، دۇنيادا سىياسىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تەسىرى زور بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلار جامائىتى بىلەن تونۇشۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى بۇ سۆھبەتكە د ئۇ ق خادىمى شەھرىزاتمۇ قاتناشقان. شەھرىزاتمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىيلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مىللىي دەۋانىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى، بۇ سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەھۇدىيلار جامائىتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى چارلوتتە كنوبلوك خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ كۈرەش ساھەسىدە د ئۇ ق نى قولىدىن كېلىشىچە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلار جامائىتى تەشكىلاتى 1946-يىلى 15-ئىيۇلدا 2800 كىشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ميۇنخېندا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات بۈگۈنكى كۈندە ھەر ساھەدە تەسىرى زور بولغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ يەنە «ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ميۇنخېندىكى ئەزالىرىنىڭ سانى بۈگۈن 9500 كىشىگە يېتىدىكەن.