45 يىللىق تۈركىيە پۇقراسى يەھيا قۇربان ئايالى بىلەن غايىب، تۈركىيە قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز

0:00 / 0:00

تۈركىيەگە بەش ياش ۋاقتىدا كەلگەن ۋە 45 يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەنداش، يەنى پۇقرا بولغان يەھيا قۇربان 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە تۈركىيە پۇقراسى ئايالى ئامىنە قۇربان بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئانا يۇرتى قاغىلىققا ئەكېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى 4 بالىسى بىلەن نورمال ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى خانقىز قۇربان رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مۇخبىرىمىز تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋە قاغىلىقتىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات سورىغان بولسىمۇ، يەھيا قۇربان ۋە ئامىنە قۇرباننىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئايدىڭلاشمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيە پۇقراسى يەھيا قۇربان 5 ياش ۋاقتىدا ئاپىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر قاغىلىقتىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ 1989-يىلى 23 ياشقا كىرگەندە يۇرتى قاغىلىققا بېرىپ ھازىرقى ئايالى ئامىنە قۇربان بىلەن توي قىلغان. ئىستانبۇلدا 4 پەرزەنتلىك بولغان بۇ ئەر-ئايال 2006-يىلى ئۈرۈمچىدە يەكتاش سودا شىركىتى قۇرۇپ تىجارەت قىلغان، 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى چوڭبازاردا دۇكان ئاچقان. ئۇ، 2017-يىلى 10‏-سېنتەبىر كۈنى ئايالى بىلەن بىرلىكتە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ قاغىلىق ناھىيەسىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى خانقىز قۇرباننىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ 2 يىلغىچە، ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. خانقىز ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان كۈنلەردە ئۈندىداردا قالدۇرغان تەلىپىگە بىنائەن ئەھۋالنى تۈركىيە دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلار يەھيا قۇربانغا ئوخشاش قىسمەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپتىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

45 يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەگە ۋەتەنداش، يەنى پۇقرا بولغان يەھيا قۇربان ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئايالى ئامىنە قۇرباننىڭ پەرزەنتلىرى. 2016-يىلى، ئىستانبۇل.

بىز بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن يەھيا قۇربان بىلەن ئامىنە قۇربان ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم مەسئۇل خادىمنىڭ ئىشخانىدا يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئېلخەت ئارقىلىق مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

خانقىز قۇرباننىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىسى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، دادىسىدىن ئۇشتۇمتۇت تېلېفون كەلگەن، ئۇ تېلېفوندا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى يىلدىن بېرى ئالاقە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، قىزىغا قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە تەنبىھ بەرگەن. ئۇلار يېقىنقى ئىككى يىلدا ھەر 2-3 ئايدا بىر قېتىم تېلېفون قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋىدىيودا كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان ۋە ھەر قېتىملىق سۆزلىشىشى 3 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلغان. سۆھبەت كۈتۈلگەن مەزمۇندا داۋام قىلماي قالسا تېلېفون ئۈزۈۋېتىلگەن. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن خانقىز قۇربان دادىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق ناھىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خادىمى تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ۋە ئامىنە قۇربانلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. قاغىلىق بازارلىق ساقچى خادىمىمۇ تۈركىيە پۇقراسى يەھيا قۇربان ۋە ئايالىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

خانقىز قۇربان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلارغا بارغىنىدا چوڭقۇر ھېسداشلىققا، قىزغىن مۇئامىلىگە ئېرىشكەن، بىراق ئەمەلىي بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئالاقىدار خادىملارنىڭ سۆز-ئىبارە ۋە تونلىرىدىن ئۇلارنىڭ چارىسىزلىكىنى بايقىغان.

ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەر قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ سۈنئىي بىر سۆھبەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خانقىز قۇربان، بۇ سۆھبەتلەردىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىنغان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دېيىلىشىچە، گەرچە خانقىز ۋە 3 قېرىندىشىغا نۆۋەتتە ئىستانبۇلدىكى تاغىسى قاراۋاتقان بولسىمۇ، يەنى ماددىي جەھەتتىن بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ غايىبلىقى ۋە تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر قىلغان.

خانقىز قۇربان دەسلەپتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇقۇشماستىن تۇتۇلغانلىق پەرىزى بىلەن قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتكەنلىكى، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ پەيلىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ۋە بۇ ئائىلە پاجىئەسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 45 يىللىق تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ۋە ئايالىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان قاغىلىقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئائىلىسىگە قايتالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.