يەكەن ناھىيەسىدە ئاز دېگەندە 6 ئورۇندا دارىلئېتام ماھىيىتىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ بارلىقى ئاشكارىلاندى
2025.01.06
ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، بىر ئائىلىدىن ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان مەخسۇس ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئاچقان ۋە بۇ مەكتەپلەرگە «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان ئىدى. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم قاماش ئىشى 8-يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما دارىلئېتام ماھىيىتىدىكى بۇ مەكتەپلەر تېخىچە ئازايمىغان، ئەكسىنچە كېڭەيگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، نۆۋەتتە يەكەن ناھىيە تەۋەسىدە ئاز دېگەندە 6 ئورۇندا شۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلدىن كېيىن ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى توپلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە «قوغداش» ئۈچۈن مەخسۇس ساقچىلار ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. بۇ ساقچىلار مەزكۇر بالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان دارىلئېتام ماھىيىتىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ بالىلارنىڭ پىسخىك ۋە ئىدىيەۋى ھالىتىنى كۆزەتكەن، شۇنداقلا خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. ئەنە شۇ خىل ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى 6 ئورۇنغا ئاپارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دېيىلىشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر يەكەن ناھىيەسىنىڭ لەنگەر، ئارسلانباغ، ئودانلىق ۋە چاھارباغ قاتارلىق يېزا-بازارلاردىكى دارىلئېتاملارغا ئىگە-چاقىسىز بالىلارنى ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىۋاتقانلىقى ۋە بىخەتەر تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، بۇ مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىدا ساقچىلار بارلىقى، تاملىرىدا سىم تىكەنلەر بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسى جازا ئۆتەۋاتقان ئىگە-چاقىسىز بالىلار ئوقۇتۇلۇۋاتقان بۇ خىلدىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەۋجۇت ئىكەن.
ئىلگىرىكى كېرىيە ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، كېرىيەنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا ئاتا-ئانىسى تەڭ تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ مەكتەپكە «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نام دەپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
يەكەن ناھىيەسىدىكى مەزكۇر ساقچى خادىمى، يەكەندە بۇ خىل مەكتەپلەردە جەمئىي قانچىلىك قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ ئوقۇتۇلغانلىقى ۋە ئوقۇتۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى، ئەمما ئۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا تېخى يېقىندا بۇ خىل يەسلىدىن بىرسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭدا 30 چە بالىنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، يەكەندە دارىلئېتاملارنىڭ ئازايمىغانلىقى، ئەكسىنچە كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى. بۇ يېڭى ئېچىلغان يەسلى يەنە يەكەندە بىر ئائىلىدىن ئەر-ئايال ئىككى كىشى تەڭ تۇتۇلۇش ئەھۋالىنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر خادىم، كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بەزى جايلاردا يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يانمۇ-يان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمما ئۇ بۇ يەردىكى ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە پىسخىك كۆزىتىشتە نېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ توخۇچىيۈزى يېزىسىدا مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدا دۆلەتكە قارىتا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدىيەۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىغان ئىدى.