دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، «28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى مەزكۇر قانلىق باستۇرۇشقا قايتا دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىرىدى.
ئۇلار باياناتىدا مەزكۇرقىرغىنچىلىقىنى «خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ جازالاش، ئۆچ ئېلىش، يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر قىرغىنچىلىق 2014- يىلى 28- ئىيۇل كۈنى، يەنى شۇ يىلقى روزا ھېيتنىڭ 1- كۈنىدە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر قېتىملىق تۈنەكتە ئوققا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ تەشكىللىگەن نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. كېيىن بۇ قانلىق باستۇرۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس باياناتىدا «بۇ مۇسىبەتلىك خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، بىز ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئەسلەيمىز ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنى توختاتمايمىز. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنداق ۋەھشىيلىك ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان.
2024 -يىلى 28 -ئىيۇل ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ «28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» قى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ساداسى يەنىمۇ كۈچلۈك ئىپادىسىنى تاپتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى بۇ ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) 28-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەكەندىكى بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى، ئۇنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق زۇلۇملىرىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
باياناتتا ﺧﯩﺘﺎﻱ ھاكىمىيىتىنىڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ يەرلىك ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ يۈرگۈزۈۋاتقان ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩق جىنايىتىنى ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىش بىلەن تەڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: « ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلققە قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈرگۈزگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى. ئىشىنىمىزكى ھامان بىر كۈنى يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ جىنايەتكارلىرىنىڭمۇ ھېساب -سورىقى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ھامان بىر كۈنى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ھېسابىنى ئالىدۇ ھەمدە ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالىدۇ !»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋەقەدە شېھىت قىلىنغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىشنى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشىنى ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچى، دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىممۇ ۋاشىنگتوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ خىل تەشەببۇستا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر «28- ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» غا ئادالەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلارغا، شۇنداقلا خەلقئارالىق سوتقا مەخسۇس ئەرز سۇنۇشى زۆرۈر.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى چاغدا رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاياللار بىر ئۆيگە يىغىلىپ تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزگەن؛ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇ ئاياللارنى ئوققا تۇتقان. بۇ ھال ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا يەرلىك دېھقان ئاممىسىنىڭ زور نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىلاردىن ئۆلگۈچىلەرگە ئادالەت تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى خىتاي ساقچىلىرى بىگۇناھ خەلققە ئوق چىقارغان. بۇ ئەھۋال يۇرت ئىچىدە يەنىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ قوزغىلىپ نامايىش قىلىشىغا سەۋەب بولغان. يۇرت ئاممىسىنىڭ بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىقىدىن ئەندىشىلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ قىرغىنچىلىقنى باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە شۇ ۋاقىتتا خىتاي ئارمىيەسى قورالسىز دېھقانلارغا قارشى بۇ قىرغىنچىلىقتا ئاپتوماتىك قورال، بىرونېۋىك، تىك ئۇچار، ھەتتا ئادەمسىز ئۇچاق (درون) قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللىرىنى ئىشقا سالغان.
ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى» نى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ 59 نەپىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، 37 نەپىرىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكىنى، 250 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە بۇ ھەقتە بىر قانچە ھۆججەتلىك تەشۋىقات فىلىملىرىنىمۇ تارقاتقان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا يەكەن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى تورلارغا تارقاتقان ئابابەكرى مۇھەممەت ئىسىملىك 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشقا «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان»، «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئولتۇرغان ھالىتى بىلەن تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئاۋام ئالدىدا «جىنايىتىگە توۋا قىلدۇرغان» ئىدى.
ئابابەكرىنىڭ ھازىر تۈركىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى ئابابەكرى سەۋەبلىك بۇ ئائىلىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشتەك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىزغا كۆپ قېتىم مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ يەكەندىكى يېزىلارنى قامال قىلىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئالتە ئايدىن ئۇزاق داۋام قىلغانلىقى، ئىنتېرنېتنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.
خىتاي دائىرىلىرى «28 -ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ئاچقان بىرىنچى سوتتىلا خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قارشىلاشقان 27 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغانىدى.
2017-يىلىدىن كېيىن ۋە «يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» غا 10 يىل بولغان ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ، يەكەندىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ تۈرمە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشتەك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.