يېڭى زېلاندىيەنىڭ «پلانېتا» رادىيوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلاندى

0:00 / 0:00

يېڭى زېلاندىيەنىڭ «Planet FM»، يەنى «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسى كۆپ خىل مەدەنىيەت، ئېتىقاد، كۆز-قاراش ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنگلىز تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن فەيسبوك، يۇتۇبې قاتارلىقلاردا 2020-يىلى 11-نويابىردىن باشلاپ، مەزكۇر رادىيو ئىستانسىسىدا «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» نامىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيەدىكى رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىم يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ مەسئۇل خادىمىدۇر. رىزۋانگۈل خانىم 10-نويابىر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رىزۋانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش تەستىقلانغان. ئەينى چاغدا يەنە مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىدىن يېرىم يىلغىچە ھەق ئالماسلىق ئېتىبارىمۇ بېرىلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە «پلانېتا ف م» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم، چارشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:20 دە، يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىكەن. پروگراممىدا «مىراس»، «يېڭى ھايات»، «تارىم غۇنچىلىرى» سەھىپىلىرى تەسىس قىلىنغان. پروگرامما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى جانلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاڭلىتىش، «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو چاستوتىسى ۋە «پلانېتا ف م 104. 6» رادىيو تور بېتى ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

مەزكۇر پروگرامما يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن يۇتۇبې قانىلىدىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، يەنە «ۋۇييۇ مېدىئا» قانىلى ئارقىلىقمۇ تەكرار بېرىلىدىكەن

رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خالىسانە پىداكارلىقى بىلەن ئاڭلىتىشنى باشلىغان.

«ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» نىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مۇخبىرى رەنا غوپۇر خانىممۇ 10-نويابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈنچە رادىيو پروگراممىسى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ۋە مۇھاجىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇنلاردا پروگرامما بېرىشنى ئاساس قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.