ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېڭى سېلىقى: چاغاندا خىتايچە بەل دۇمباق چېلىپ ياڭگىر ئۇسۇلى ئەترىتىگىچە قاتنىشىش
2022.02.09
1-فېۋرال باشلانغان خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» غا بىر ھەپتە بولدى. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا «ھەر مىللەت خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، بولغان چاغاننى تەبرىكلىمەكتە» دېگەندەك تەشۋىقات خەۋەرلىرى يەنىلا كۆپلەپ بېرىلمەكتە. بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيە-يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن «بەل دۇمباق ئەترىتى»، «ياڭگىر ئەترىتى» قاتارلىقلار تەشكىللىنىپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا «تاخماق كەنتىدە باھار بايرىمى قىزىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە «كۇچا شەھرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ياقا بازىرىنىڭ 200 ئۆيلۈك بار تاخماق كەنتىدىكى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن «100 كىشىلىك بەل دۇمباق ئەترىتى» نىڭ چاغان مەزگىلىدە «كوچا ئايلىنىپ دۇمباق چېلىپ، ياڭگىر ئۇسۇلى ئويناپ، بايرام كەيپىياتى ياراتقانلىقى» خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە «بەل دۇمباق ئەترىتى» نىڭ خىتايچە بايرام كەيپىياتى ياراتقانلىقى تەسۋىرلىنىپ: «بەل دۇمباق ئەترىتى قىزىل كىيىم كىيىپ، بېلىگە قىزىل كىچىك دۇمباق ئېسىپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ دۇمباق چېلىپ، سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ماڭدى، ئەپچىل دۇمباق چوكىسىغا چىگىلگەن قىزىل شايى رىتىمغا ئەگىشىپ يۇقىرى تۆۋەن يەلپۈنەتتى، شوخ، ياڭراق دۇمباق ئاۋازى كەنتنى لەرزىگە كەلتۈردى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.
خەۋەردە يەنە بەل دۇمباققا ئوخشاش خىتايچە چالغۇ ۋە خىتايچە ياڭگىر ئۇسۇلنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىشى ھەتتا ھۇزۇر ئالىدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «بەل دۇمباق ئەترىتى» گە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ «بەل دۇمباق چالغاندا ھەم بەدەن چېنىقتۇرغىلى ھەم كەيپىياتنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بىر مەيدان ئۇسسۇل ئوينىساق، روھىمىز خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، غەيرىتىمىزمۇ ئاشىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر 100 كىشىلىك بەل دۇمباق ئەترىتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاتالمىش «يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، تاخماق كەنتىدە «قاتماللىق ۋە رادىكاللىقنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
خەۋەردە «بەل دۇمباق ئەترىتى» نىڭ ئەترەت باشلىقى رازىيە ياسىننىڭ: «بىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتىمىزنىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قىلغان زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى، بولۇپمۇ ئويۇن قويۇش ئەترىتىمىزگە بولغان قوللىشى ۋە ياردىمىنى يەردە قويساق بولمايدۇ. ئۇلار بىزگە بەل دۇمباق، ئويۇن كىيىمى سوۋغا قىلدى، يەنە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىزگە ئۆگەتتى، بىز تېخىمۇ كۆپ ياخشى نومۇرلارنى تەييارلاپ، تاخماقلىقلارنىڭ يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ بەلگىلەنگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىنىش ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا دائىرىلەر ئۇيغۇر قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ، ئۇلارغا «خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش» نى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشان قىلغان.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسىي ھۈلى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتايچە بايراملارنى تەبرىكلەش، خىتايچە چالغۇلىرىنى چېلىش، خىتايچە ئۇسۇل ئويناش قاتارلىقلارغا مەجبۇرلاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن، ئەۋجىگە چىققان «ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى «لاگېرلارغا قاماش» ھەرىكىتىدە تۇتقۇن ئوبيېكتى بولغانلار دەل ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملارنى ئىسلام دىنىي قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىللىق خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتايچە ئەنئەنە بويىچە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىشى، 2021-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن ما شىڭرۇي دەۋرىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار يەنە، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملارنى، ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ باھار بايرىمى ھېسابلىنىدىغان «نورۇز» غا ئوخشاش تەبىئەت بايراملىرىنىمۇ ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئەركىن ئۆتكۈزۈشىگە چەك قويۇلغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «خىتاينىڭ جۇڭ خۋا بىرلىكى» نامىدىكى خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغان، زوڭزا بايرىمىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىلارغا چۈشكەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە ۋە ئاتالمىش خىتاي قوشماق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە خىتايچە جۇۋاۋا» تۈگۈپ يېيىش، خىتايچە بەل دۇمباق چېلىپ ياڭگىر ئۇسۇلى ئويناش، ئىشىكلىرىگە مەسنەۋى ۋە پانۇسلارنى ئېسىشقا مەجبۇرلىنىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان ۋە بۇ بىر يېڭى سېلىق تۈسى ئالغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.