خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18 دېكابىر كېچىدە گەنسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 127 ئادەم ئۆلگەن، 700 ئادەم يارىلانغان. 19-دىكابىر گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەلۇمات بېرىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىدە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ھالقىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن.
چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ ناھىيەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەن؛ يەر تەۋرەش قۇم دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئۆيلەر ۋەيران بولغان ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئېغىر بولغان.
12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 9 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇيغۇر رايونى قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش مەركىزى ئاتۇشتىكى تاغلىق چارۋىچىلىق رايونى بولغان قاراجول بازىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بارلىق تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىردەك ھالدا ئاتۇش قاراجولدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، ھېچقانداق ئادەم ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.
ئاتۇش شەھەرلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن نۆۋەتچى خادىم، يەر تەۋرەشنىڭ بىرلا قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن باشقا نەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۇۋالدى، «ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىڭىزغا سالاھىيىتىڭىزنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ جاۋاب بېرەلمەيمەن. ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە قانداق ئۇچۇر بەرگەن بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ. باشقا ھېچنېمە بىلمەيمەن».
قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قاراجول يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇس جەھەتتە قىرغىزلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. مارالبېشى ،كەلپىن ۋە پەيزاۋات ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان بۇ يېزىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ قوشنا يېزىلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان خەۋەرلەردە، قاراجول بازىرىدا قۇتقۇزۇش پونكىتلىرىنىڭ، 24 سائەت جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما بۇ پونكىتلارنىڭ ئالاقە نومۇرلىرىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.
قاراجول يېزىسى تۆت تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان تاغلىق رايون بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بايانلىرىغا قارىغاندا، 19-دېكابىر يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ بۇ يېزىغا تەبىئىي ئاپەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
20-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 8 دە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر خىتاي خادىم ئېلىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:
« ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالى يوق، ئۇ تاغلىق يېزا ئادەمسىز بىر جاي. خەۋەرلەردە نېمە دېيىلگەن بولسا ئەھۋال شۇ، ئەگەر يەنىمۇ تەپسىلىي بىلمەكچى بولساڭلار، خەت ياكى ئېلخەت ئەۋەتىپ سورىساڭلار بولىدۇ. مۇنداقلا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ».
خىتاي دائىرىلىرى -2003 -2016 -2013يىللىرى يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قامال قىلغان بولۇپ، ئەمما بۇ ئاپەتلەردە ئۆلۈش، يارىلىنىش، مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى باشقا مەنبەلەردىن ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى.
20-دېكابىر «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قاراجولدىكى يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، « ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بىخەتەر، بۇ كەنت 2012-يىلى تۇرالغۇ تۈرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇ يېزىدىكى 800 دىن ئارتۇق ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. بۇ رايوندا نۇرغۇن يەر تەۋرەش يۈز بەردى، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىدى» دەپ خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە يەنە، قاراجول يېزا باشلىقىنىڭ «ھۆكۈمەت يولغا قويغان يېزا تۇرالغۇ تۈرىگە رەھمەت» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش خىتايدا 2014-يىلدىن بۇيان ئۆلۈم-يېتىم كۆپ كۆرۈلگەن بىر قېتىملىق ئاپەت ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ گەنسۇدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى داۋالاش، زىياننى ئازايتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ھالبۇكى قوشنا رايونلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق گەپ قىلمىغان.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاراجول يېزىسى چارۋىچىلىق يېزىسى بولۇپ، يېرى كەڭ ، نوپۇسى ئاز. بۇ يېزا تەۋەسىدە مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، تۆمۈر، تىتان ئالتۇن قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار مول بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ جايدا كان بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئاتۇشنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدا يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەمدە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە زىيان سېلىشى ئېغىر بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە يەر تەۋرەش نۇقتىسى 5 رايونغا ئايرىلغان . شىمالدىن جەنۇبقا ئالتاي تېغى يەر تەۋرەش رايونى، جەنۇبىي تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش رايونى، غەربىي كوئىنلۇن تېغى يەر تەۋرەش رايونى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىم -19 دېكابىردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش يۇقىرىقى يەر تەۋرەش نۇقتىلىرىغا تەۋە ئەمەس ئىكەن. ھازىرچە تارقىتىلغان خەۋەرلەردىن، گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىكى يەر تەۋرەش بىلەن ئاتۇشتىكى يەر تەۋرەشنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى نامەلۇم.
