ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەركەن كوناشەھەر رايونى خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامرات، قالاق ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى تۈزەپ-گۈزەللەشتۈرۈش» پىلانىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلانغان. خىتاي دائىرىلىرى يەركەن كوناشەھەر رايونىدا 2018-يىلى 4-ئايدا باشلانغان چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشى داۋامىدا 50 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئەسلىدىكى ئولتۇراق جايلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، يېڭى سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ جانلىق مۇزېيى دەپ قارىلىپ كەلگەن يەركەن كوناشەھەر رايونىنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكتە، دەپ قارىماقتا.
رادىيومىزنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال يەركەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەركەن ناھىيە بازىرى باغ مەھەللە ئىجتىمائىي رايوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى دوخان پاشا مازارلىقىنى جىددىي يۆتكەشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر قەدىمىي مازارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەركەندىكى مىڭ يىللىق قەدىمى شەھەر سېپىلى، يەنى «خانىقا دەرۋازا» سى ۋە كوناشەھەر رايونىدىكى دۇكانلار، ئۆيلەر، قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭمۇ چېقىپ تۈزلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارلانغان ئىدى.
يەركەن كوناشەھەر رايونى خىتاينىڭ نەزەرىدە «نامراتلار رايونى»، «كونا ۋە قالاق مەھەللە» دەپ قارالغان بولۇپ، كوناشەھەر رايونىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلار، مەھەللە-كويلار، مەدرىسە-خانىقاھلار، مەسچىتلەر بۇزۇپ چېقىۋېتىلگەن. يەرلىك ئاھالىلەر ئېگىز بىنالاردىكى سەرەڭگە قېپىدە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەسىرلەر بويى يىپەك يولىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن بىر بوستانلىق شەھىرى بولۇپ كەلگەن يەركەن كوناشەھەر رايونى يەر يۈزىدىن غايىپ قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللە ۋە بازار-رەستىلىرىنى چېقىپ-ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كونا مەھەللىلىرى ۋە بازار-رەستىلىرىنى چېقىشنى نىشان قىلغان ئىدى.
مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايىن تام ئەپەندى يېقىندا SupChina تورىدا تەتقىقاتچى دەررېن بايلىرنىڭ «شىنجاڭ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان مۇستەملىكە بولۇپ قالدى؟» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىكى بايلىق تارتىۋېلىش، ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈش، كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق تىپىك 3 ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن
رايىن تام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەركەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ جايدا ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قەدىمىي تارىخي ئورۇنلىرىدىن يەركەن كوناشەھەرنىڭ كۆپ قىسمى 2019-يىلى يوق قىلىنغان ئىدى، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قەدىمىي شەھەر بازارلىرىنى يوق قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى. بۇ بىر پاجىئە.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر قانداق بىر قەدىمىي ۋە تارىخىي كوچىنىڭ ئاتالمىش ‹قايتا قۇرۇش› باھانىسىدا يوق قىلىنىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش دەپ قارايمەن. بۇ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر تۈرىدۇر.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «خىتاي داۋام قىلدۇرىۋاتقان بۇ يوقىتىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئۇلارنى لاگېرلارغا قاماپ يوقىتىش، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبتىكى نوپۇس ئۈستۈنلىكنى بەربات قىلىپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان.»
ئۇيغۇر دىيارىنى يېقىندىن تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2018-يىلى يەركەننىڭ ئالتە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشچە، تىزىملىككە ئېلىنغان 3224 قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ 16 پىرسەنتگە يېقىن قىسمى تەربىيەلەش لاگېرى، تۈرمە ياكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قامالغان.» مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى 20 يىلنى كۆزلىگەن بۇ نىشانى ئەمەلگە ئاشسا، ئاز دېگەندىمۇ تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ غايىپ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دەلىللەر زېنز تەرىپىدىن لوندون شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
يەركەن ناھىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا، يەركەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى مۇراتجان پەرھاتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: 2019-يىلى 9-ئايدا يەركەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا قازانچى كوچىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاشنى باشلىغان. 2018-يىلى 4-ئايدا ئۇ كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. يەركەن كوناشەھەر رايونىدا 219، 000 ئادەم، 48 مىڭ 669 ئائىلە بار»
يەركەن ناھىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، يەركەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلىكىنى شالاڭلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەركەندىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىن ئاماننىساخان مەقبەرىسى، ئالتۇنلۇق مازىرى قاتارلىق ئورۇنلار خىتاي ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان. يەركەندىكى ئاساسلىق كوچىنىڭ ئىككى قېنىدىكى كونا مەھەللە ۋە كوچىلار ھەمدە قايناق بازارلارنىڭ ئورنىغا ئېگىز بىنالار سېلىنىپ تۇتاشتۇرۇلغان. ھەر جايدا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇپ، چىراي تونۇش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغان بولغان.
رايىن تام خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان يەركەندىكى بۇ تارىخي ئورۇنلارنى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ پەقەتلا بىر «باھانە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتەى:
«مېنىڭچە، ھازىر يەركەندىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان. 2000-يىللاردا مەن يەركەنگە بارغان ۋاقتىمدا يەركەندىكى يەكشەنبە بازار مۇزىكىلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ھەر خىل قىممەتلىك تارىخي كىتابلارنىمۇ تاپقىلى بولىدىغان، ئىنتايىن ئاۋات بازار ئىدى. ھازىر بۇ بازارلارنىڭ ھەممىسى يوق قىلىندى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت يەركەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنئەنىۋى تارىخي قىممەتكە ئىگە ھەممە ئورۇنلارنى خىتاي تۈسىدىكى شەھەرلەرگە ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنى ئىپادە قىلىدىغان بۇ جايلاردىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، يەركەن قاتارلىق جايلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شىددەت بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.»