«دۇنيا يىتىملەر كۈنى» دە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ ئەھۋالى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشا رايونىغا جايلاشقان «ئوقۇ ئۇيغۇر-بىلىگ يۇرتى» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2020-يىلى ماي، تۈركىيە.
ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشا رايونىغا جايلاشقان «ئوقۇ ئۇيغۇر-بىلىگ يۇرتى» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2020-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ھەر يىلى رامزان ئېيىنىڭ 15-كۈنى «دۇنيا يىتىملەر كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى «دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يېتىملەرگە ئىگە چىقىش، ئۇلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش دېگەندەك ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە.

گەرچە بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇ خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى بەزى جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەر يېتىم بالىلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە كۆڭۈل سوراش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. ئىستانبۇلدىكى «يېتىم، ئىگە-چاقىسىز بالىلار ھەمكارلىق ۋەخپى» نامىدىكى تەشكىلات «دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىم بالىلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا ھەدىيە بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر يېتىم بالىلار بۇ كۈننى قانداق ئۆتكۈزدى؟ تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر يېتىم بالىلار مەۋجۇت؟ ئۇلارغا ئىگە چىقىش، تەربىيىلەش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە ئىستانبۇلنىڭ سەلىم پاشا رايونىغا جايلاشقان «ئوقۇ ئۇيغۇر-بىلىگ يۇرتى» مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخىپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى ۋە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىستانبۇلدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر» بىلىك يۇرتىدا 40، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر يېتىم بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرى قامدىلىپ ھەم تەربىيەلىنىپ كېلىنمەكتە ئىكەن.

دادىسى تۈركىيەدىن ئۈرۈمچىگە بارغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان ئابلىكىم ئىسىملىك بالا دادىسىنى ۋە يۇرتىنى سېغىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دادام بىلەن كۆرۈشمىگىلى تۆت يىل بولدى، دادامنى ۋە ۋەتىنىمنى شۇنچە بەك سېغىندىم، دادامنى كۆرگۈم بار، ۋەتىنىمنى كۆرگۈم بار!»

«ساباھ» گېزىتىنىڭ 8-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن يېتىم بالىلارغا دىققەت تارتىش مەقسىتىدە 2014-يىلى ئىسلام ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە بىر تەلەپ ئىلتىماس سۇنۇلغان. بۇ ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىپ، ھەر يىلى رامازاننىڭ 15-كۈنىنى «دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن. «دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى تۈركىيەگە 15 دۆلەتتىن 15 يېتىم بالا كەلتۈرۈلۈپ، چوڭ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتىكەن. بۇ يىل پۈتكۈل دۇنيانى تەسىر ئاستىغا ئالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ پروگرامما ئەمەلىيلەشمەي قالغان.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى» دا 180 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن 40 نەپىرى يىتىم بالىلار ئىكەن. بۇلاردىن 8 نەپىرى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار بولسىمۇ، قالغانلىرى ئاتا-ئانىلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلار ئىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ياتاق-تاماقلىرى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بالىلار مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇيدىكەن. بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئوقۇش راسخوتى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى مەكتەپ تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىكەن. بۇ بالىلارغا بەزى ساخاۋەتچى بايلارمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇپ تۇرىدىكەن.

ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە ئىكەن.

بۇ بالىلار ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى» دا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە ئالاقىدار دەرسلەر، ۋەتەن ھەققىدە ساۋاتلار ئۆگىتىلىدىكەن. قوشۇمچە دەرس ئوقۇش بىلەن بىرگە مەكتەپتىكى دەرسلىرىنى تەكرارلايدىكەن.

ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئۇيغۇر يېتىملىرىگە ئىگە چىقىش، ئۇلارنى كەلگۈسىدە ۋەتەن-مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم «دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر يېتىم بالىلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ‹دۇنيا يېتىم بالىلار كۈنى» نى تەبرىكلىيەلمەيمەن. مەن يېتىم بالىلارنىڭ سانىنىڭ ئاشماسلىقىنى، يىتىملەرنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا ئىگە چىقىشنىڭ ھەم دىنىي ھەم مىللىي جەھەتتە باش تارتىپ بولالمايدىغان بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، شۈنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ يېتىم بالىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 2016-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇپ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامىلىشى، شۇنداقلا ۋەتەندىن چىقالمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقىنى، يېتىم بالىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ ھازىر 400 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنى ئانىسىدىن ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىماسلىق ئۈچۈن بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۇرالغۇسى يوق بەزى بالىلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم يېتىم بالىلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن 10 كىشىلىك بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ گۇرۇپپا ئاشۇ بالىلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كۆز-قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنۋىئىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ بالىلارنى كەلگۈسىدە دىنىغا، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ئىگە چىقالايدىغان ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت