ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: يەر شارىۋىي پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى» نىڭ كۈنتەرتىپى مۇقىملاشقان

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش پارلامېنتلار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: يەر شارىۋىي پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى» ناملىق زور تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى مۇقىملاشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ھازىرلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە پايتەختى توكيودا چاقىرىلىدىغان مەزكۇر تارىخىي خاراكتېرلىك يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىمۇ مۇقىملاشقان. بۇ يىغىنغا پارلامېنت ئەزالىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلار، دىپلوماتلار، تونۇلغان قانۇنشۇناسلار، ئادۋوكاتلار، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تەيۋەن تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 120 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ھازىرغىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 11 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ھازىر دۇنيادا 195 تىن ئارتۇق دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزادۇر. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان يۇقىرىقى 10 دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى ياكى خىتاينى قوللىشى، بۇ جىنايەتكە ئورتاق بولغانلىقتۇر. شۇڭا بىز ‹لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ قارارى چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر قارارنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ياكى ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇ يىلنىڭ بېشىدا 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىمىزنى تۈزگەندە، توكيودا بۇنداق بىر يىغىن ئېچىشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدۇق. بۇ يىغىنغا 20 دۆلەتتىن ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنى چاقىرىپ، ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. بۇ يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋا تارىخىدىكى تۇنجى زور كۆلەملىك يەر شارىۋىي ئالىي يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. »

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى توكيو ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 9 غىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئورۇنلاشقان مېھمانخانا زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن يىغىن رەسمىي باشلىنىدىكەن.

ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: يەر شارىۋىي پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى» ناملىق زور تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسەن پۈتۈپ قالغانلىقىنى، ھازىرغىچە 20 دۆلەتتىن 120 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ ياپونىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بۇنداق زور كۆلەمدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىشى، مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا، بولۇپمۇ ياپونىيەدە مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.