يۈننەن توڭخەي ساقچى خادىمى: «مەسچىت ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەر ئۆزىنى مەلۇم قىلسا كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ»
2023.05.30
يۈننەننىڭ توڭخەي ناھىيەسىدىكى 600 يىللىق تارىخقا ئىگە ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى يۈز بەرگەن تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقى 27-ماي كۈنى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشقا ئايلانغان. ۋەقەنىڭ قوراللىق ساقچىلار ئارقىلىق باستۇرۇلغانلىقى ۋە 30 ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى 28-ماي كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئاشكارىلىنىپ، 28-29-ماي كۈنلىرى چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغىغانىدى. نەتىجىدە، يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى توڭخەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نامىدىن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «يۈننەننىڭ توڭخەي ناھىيەسىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ئېغىر ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەر ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلسۇن» سەرلەۋھىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
رادىئومىز مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتتىن ئىگىلەش ئۈچۈن، توڭخەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىنى ئالغان ساقچى خادىمى ئۇنىڭدىن سورالغان «ناجيايىڭ مەسچىتى ۋەقەسىگە قاتناشقان كىشىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار؟ » دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقى، ئەمما ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى ئاشكارىلىيالمايمىز. بىز ۋەقە ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق. ئۇنىڭدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا بۇ ۋەقە جىنايەت دەپ بېكىتىلدى. ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلار بىۋاسىتە ھالدا ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ» .
ئۇنىڭدىن، «ھازىر ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلار كۆپمۇ؟ ئۇلار قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟ » دەپ سورىدۇق.
ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ: «بۇنى سىزگە ئاشكارىلىيالمايمەن. ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا قارىتا، بىز ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىلىشىش تەپسىلاتىنى ئېنىق يازغان» دېدى.
ئۇنىڭدىن، «ھازىر بۇ ۋەقە بېسىلدىمۇ؟ ياكى داۋام قىلىۋاتامدۇ؟ » دەپ سورىدۇق.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئەھۋاللارنىمۇ سىزگە ئاشكارىلاش ئىمكانسىز. ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا قارىسىڭىز بولىدۇ. ۋەقەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىز ئاشكارىلىساق بولمايدۇ، » دېدى.
ئەمما ئۇنىڭدىن: «مەسچىتنى چېقىش داۋام قىلىۋاتامدۇ؟ » دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنىمۇ ئاشكارىلاش ئەپسىز. بۇلارنى بىزنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن ئۇقسىڭىز بولىدۇ، » دەپ جاۋاب بەردى.
يۇتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئىنكاسلاردا، مەسچىتنى چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقنىڭ 10 نەچچە ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلار ئارقىلىق باستۇرۇلغانلىقى، نەق مەيداندا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
بىز بۇ ساقچى خادىمىدىن، «توردىكى ئۇچۇرلار توغرىمۇ؟ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلار قانچىلىك؟ » دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىلەرگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيمىز، بۇ ۋەقەگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە بولمايدۇ. ۋەقە ھەققىدە بىز ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن ئەھۋاللارنى راست دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن شەرتلەر بويىچە، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلار بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىخانىغا كەلسە بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىڭىزغا ۋە باشقا سوئاللارغا بىز جاۋاب بېرەلمەيمىز» دېدى.
يۈننەندە يۈز بەرگەن ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشىغا بولغان نارازىلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىمۇ مەسچىتنىڭ چېقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز كۆزىتىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى، 28-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەزكۇر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى خىتايلاشتۇرۇش يولىدا، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتكەن.
ما جۈ ئەپەندى 30-ماي كۈنى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ قارىشىنى رادىيومىزغا يازمىچە مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشى ناجيايىڭ مەسچىتى جامائىتىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسچىتنى چېقىش تەلىپىگە قارشى پارتلىغان ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق ھەرىكىتى دېسەك بولىدۇ. بۇ مەسچىت بىلەن يۈننەندىكى شاديەن مەسچىتى نۆۋەتتە كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي چېقىشىدىن ئامان قالغان ئاخىرقى مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ھازىر مەسچىتنىڭ گۈمبىزىنى ۋە مۇنارىنى چېقىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەسچىتنىڭ دىنىي ئوقۇتۇش زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھالدا بالىلارنىڭ ئىسلام دىنىي تەربىيەسى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەپ كەلدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشىنى چەكلىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ مەسچىتلەرگە كىرەلمەيدۇ. مەسچىتلەرگە يەنە كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە چىراي تونۇش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلغان. ناجيايىڭ مەسچىتى جامائىتى ئاللىقاچان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن شۇنداقلا نىڭشادىكى، گەنسۇدىكى، چىڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار ۋەزىيىتىدىن، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خەلق ئاكتىپلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئىززىتى ۋە غۇرۇرىنى قوغداۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ» .
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈننەندىكى ئىككى چوڭ تارىخىي مەسچىتنىڭ بىرى بولغان ناجيايىڭ مەسچىتى 600 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. مەسچىتنىڭ ھازىرقى قۇرۇلۇشى، 2004-يىلى ئىسلام بىناكارلىقى بويىچە يېڭىلىنىپ سېلىنغان بولۇپ، 3000 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىكەن. مەسچىت ئىچىدە يەنە قۇرئان كۇرسىمۇ تەسىس قىلىنغانىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىم مەسچىتنىڭ ئىسلامى تۈستىكى مۇنارلىرى ۋە ئوقۇتۇش زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش قىسمىنى چېقىپ، مەسچىتنىڭ خىتايچە ئۇسلۇبتىكى ئىلگىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ تۇڭگانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقى سەۋەبلىك، مەسچىتنى چېقىش ھازىرچە ۋاقىتلىق توختىغانىكەن.
ئامېرىكىنىڭ جىئورجىيا شتاتىدىكى تۇڭگان زىيالىيسى سۇلايمان گۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشى ھەققىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سۇلايمان گۇ مۇنداق دېدى: «ناجيايىڭ مەسچىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئالساق، ئۇلار ھازىر مەسچىتنىڭ ئۈستىدىكى گۈمبەز قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىۋېتىپ، ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە قۇرۇلۇشقا ئۆزگەرتمەكچى. ئۇلار بۇنىڭدا بىز تەستىقلىمىغان قۇرۇلۇشلارنى يوقىتىمىز دەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھازىر قارشىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا يۈرگۈزۈۋاتقان دىننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى. ئۇلار مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشنى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يۈننەندە ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشىغا بولغان قارشىلىق يۈننەندىكى تۇڭگانلارنىڭ خىتايدا دىنىي سىياسىتىنىڭ بارغانچە چىڭىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقنىڭ ئىپادىسى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، مۇسۇلمانلارغا بولغان باستۇرۇش خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىلا باشلانغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى زامانىمىزدىكى فاشىستىك سىياسەت دېسەك بولىدۇ. ئۇ ھازىر بارغانچە كۈچەيگەن ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى سەۋەبىدىن ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى، مەدەنىيەتنى ۋە ئېتىقادنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەيلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ياكى يۈننەندىكى تۇڭگانلار ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن، بۇلار ھەممىسىلا خىتايغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بۇ جايلار بېسىۋېلىنغان زېمىنلار. يۈننەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. شۇڭا مەيلى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولسۇن، ياكى يۈننەندە بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلار ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەن مۇستەملىكە ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرلەردىكى ئەسلى خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى نىشان قىلماقتا» .
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ۋە 2011-يىلى يۈننەنگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ چاغلاردىمۇ يۈننەندىكى ساقچىلارنىڭ باشقا جايلاردىن كېلىپ، مەسچىتلەردە دىنىي تەلىم ئالغان كىرگەن ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغلاردا تېخى مەسچىتلەردىكى ئىسلام دىنىي بەلگىلىرىنى يوقىتىش، مەسچىتلەرنى چېقىپ خىتايلاشتۇرۇش دولقۇنى ھازىرقىدەك ئومۇملاشمىغان ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.