ئالمۇتادا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

28-سېنتەبىردە ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيى» دە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

«يۈسۈپ خاس ھاجىب ئىجادىيىتىنىڭ دۇنيا تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى» تېمىسىدىكى مەزكۇر يىغىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، ئەزەربەيجان، باشقۇرت ۋە باشقىمۇ خەلقلەر ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا جۇمھۇرىيەتلىك مەركەز يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىيولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى مەسىمجان ۋېلەموف رىياسەتچىلىك قىلدى. دەسلەپكى سۆزنى ئالغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف كەلگەن مېھمانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى-قازاقىستان پرېزىدېنتى مەمۇرىيىتى كاتىباتىنىڭ باشلىقى جانسېيىت تۈيمېبايېفنىڭ، شۇنداقلا بىرلەشمە ۋە بىر گۇرۇپپا ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەبرىك سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىب، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئۇلۇغ نامايەندىلەرنى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان جۇرنالىستىكا ئاكادېمىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ساغىمباي قوزىبايېف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرىدە ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىب ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يارقىن ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنىڭ نەسرىي يەشمىسىنىڭ كىرىل يېزىقىدا نەشىر قىلىنىشىنى تارىخىي ۋەقە دەپ ئاتىدى.

يىغىندا يەنە سۆز ئالغان «ئاگىدېل» باشقۇرت ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور ئازامات رىسكىلدىن، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك كاتىباتىنىڭ رەھبىرى نازار بالغىمبايېف، ئەزەربەيجاننىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى رامىل رايېف، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم مۇنىر ئېرزىن ۋە باشقىلار مەزكۇر يىغىننىڭ ئەھمىيىتى، «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى رولى، تارىخىي ۋە ئەدەبىي يادىكارلىقلارنى قايتا نەشىر قىلىش ۋە ئۇلارنى تەرغىب قىلىشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇرنالىستىكا ئاكادېمىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ساغىمباي قوزىبايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ بالاساغۇنى-بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىسى. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر روھىنىڭ باشلىنىشى. بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھومېرى، ئۇيغۇرنىڭ ھېرودېتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، بولۇپمۇ تۇغۇلغان ئورنى ھەققىدە تالاش-تارتىشلار بار. بىراق مەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەنكى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ بالاساغۇنى-بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا قاراخانىيلار مەملىكىتى بولۇپ، ئۇنىڭ يەرلىرى ئامۇ دەرياسىغىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر زېمىنى، ئۇيغۇر شۆھرىتى ھۆكۈم سۈرگەن. مانا شۇلار ئىككى ئۇلۇغ شەخسنى دۇنياغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر يېزىقىمۇ مەۋجۇت ئىدى. چىڭگىزخان كەلگەندىمۇ ئۇنىڭ يېزىقى ئۇيغۇرچە بولغان. مەن بۈگۈنكى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن يۈسۈپ بالاساغۇنىنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، خوش بولدۇم. كىتاب ياخشى چىققان. مۇبارەك بولسۇن!»

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بولۇپمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىبقا ئوخشاش بۈيۈك نامايەندىلەر مىراسىنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىنى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ياشلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپ خاس ھاجىب ياشلارنى دۆلەتكە سادىق خىزمەت قىلىشقا، خەلق مەنپەئەتىنى ئويلاشقا، پارىخورلۇقتىن يىراق يۈرۈشكە چاقىرىدۇ. شائىرنىڭ ‹ئۆزۈڭنىڭ پايدىسىنى ئويلىما، خەلقىڭنىڭ پايدىسىنى ئويلا. خەلقىڭنىڭ پايدىسى ئىچىدە سېنىڭمۇ پايداڭ بار› دېگەن دانا سۆزلىرى مۇشۇ پىكرىمىزگە ئېنىق دەلىل بولالايدۇ.»

شاۋكەت ئۆمەروف ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپتىمۇ بۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېقىندا مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى لابوراتورىيەسىنىڭ ۋە شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىب نامىدىكى مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، يەنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى كوچىلارغا بۇ ئىككى نامايەندىنىڭ ئىسىملىرىنى بېرىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر پەرزەندلىرىنى كۈنتۇغدى، ئايتولدى دېگەڭە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىسىملىرى بىلەن ئاتاشنى ئادەتلەندۈرۈش تەشەببۇسى كۆپچىلىكنى ھاياجانلاندۇردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا «قۇتادغۇ بىلىك» ئەسەرى بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەسلەپ بۇ ساھەدە كۆپ ئەمگەك قىلغان ئالىم ۋە شائىر ئاسقار ئېگۇبايېف. ئۇ ‹يۈسۈپ خاس ھاجىب كۆزقاراشلىرىنىڭ قازاق ئەدەبىياتى يازغۇچى-شاىرلىرىغا تەسىرى› ماۋزۇسىدا نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىي تەرەپلىرى بويىچە بىر نەچچە نامزاتلىق تەتقىقاتلار يېزىلدى.»

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇ 1991-يىلى ئاكادېمىك غوژەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا «يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› داستانىنىڭ لېكسىكا-ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى» ماۋزۇسىدا تەتقىقات ياقلاپ، پەن نامزاتى ئىلمىي دەرىجىسىگە مۇيەسسەر بولغان ئىكەن. 1996-يىلى مەزكۇر تەتقىقات كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹قۇتادغۇ بىلىك› نى ئىلمىي ئاساستا ھەم تەپسىلىي ھەم كەڭ رەۋىشتە تەتقىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە بولسا، ئىككىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىدۇر. 1984-يىلى ‹قۇتادغۇ بىلىك› نەشىر قىلىنغاندىن بېرى ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلان قىلىندى. قازاقىستاندا ‹قۇتادغۇ بىلىك› نىڭ بۇ ئىككىنچى قېتىم نەشىر قىلىنىشى.»

«دوستلۇق ئۆيى» دە ئۆتكەن يىغىندا «قۇتادغۇ بىلىك» كىتابىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نەسرىي يەشمىسىنى نەشىرگە تەييارلىغان سادىقجان يۇنۇسوفقا ۋە باش ھامىي، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئورۇنباسارى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. يىغىن داۋامىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت