ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى: «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئاشكارىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى داۋاملاشماقتا»

0:00 / 0:00

2022-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى بىلەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىنىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلىلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2018-يىلىدىكى زور تۇتقۇنغا ئائىت بولغان بۇ ھۆججەتلەر قانچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ سۈرەتلىرى، ئادرېسلىرى، ئاتالمىش «جىنايەت دەلىللىرى» بىلەن تولغان بولغاچقا، ئۆز دەۋرىدە زور زىلزىلە پەيدا قىلغان بۇ ھۆججەتلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىدىن بولۇپ تونۇلغان ئىدى.

2022-يىلى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نى تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاشقا قاتناشقان گېرمانىيەنىڭ ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى مەزكۇر ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا مەخسۇس زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى، تېكەس قاتارلىق رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 24-مايدىن ئېتىبارەن ئۇلار ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىدا «ساقچى ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن»، «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟»، «بېيجىڭنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا باستۇرۇشلىرى داۋاملاشماقتا»، «خىتايدا ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ باستۇرۇلماقتا» دېگەندەك تېمىلاردىكى سىن فىلىملىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ۋە يوشۇرۇش ئۈچۈن «گۈزەل شىنجاڭ ئوبرازىنى يارىتىش»، «گۈزەل شىنجاڭغا ساياھەتچى جەلپ قىلىش» يولىدا زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان بۇ فىلىملاردا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۈكسەك نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقى، جازا لاگېرلىرىنىڭ تېخى تامامەن تاقالمىغانلىقى ياكى تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ZDF نىڭ مۇخبىرلىرى جانلىق بىر لاگېر شاھىتىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن تارتىپ تاكى تېكەستىكى چوڭ تۈرمىلەر ۋە لاگېرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىنغا ئالغۇچە، ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ئۇ يەردىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ئۇچقۇچە بولغان پۈتۈن جەرياندا خىتاي ساقچىلار، پايلاقچى ماشىنىلارنىڭ نازارىتىدىن ئايرىلالمىغان.

ZDF نىڭ مۇخبىرلىرى گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا بىرەر لاگېر شاھىتىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ساقچى ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا بىرەر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى كۆرەلمىگەن ھەمدە كۆرگەن چەكلىك رېئاللىقلىرىدىن «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا باستۇرۇشلىرى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكەن.

گېرمانىيەنىڭ ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى لاگېر شاھىتى رەھىمە سېنباينى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ماي، ئالمۇتا
گېرمانىيەنىڭ ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى لاگېر شاھىتى رەھىمە سېنباينى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ماي، ئالمۇتا (ZDF TV/Screenshot)

مۇخبىرلار جازا لاگېرلىرىغا دائىر بەزى پاكىتلارغا ئالمۇتادا ئېرىشكەن. ئۇلار ئالمۇتادا 2017-يىلى جازا لاگېرىدا قارنىدىكى بوۋاقنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش جازاسىغا ئۇچرىغان، قاتتىق سوغۇقتا قىپ-يالىڭاچ ھالدا 25 مىنۇت تۇرۇبا بىلەن چېچىلغان مۇزدەك سۇغا تۇتۇلغان، ئاخىرى تۇغماس قىلىۋېتىلگەن لاگېر شاھىتى رەھىمە سېنباينى زىيارەت قىلغان. رەھىمە سېنباي قازاقىستان پۇقراسى بولسىمۇ، ۋاتىسئاپ (Whatsapp) ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ، بىر يىلدىن ئارتۇق لاگېردا ياتقان. مۇخبىرلار يەنە بىر ئوغلى ئۇيغۇر دىيارىغا سودا ئۈچۈن بارغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ رەسىمىنى تارتقانلىقى ئۈچۈنلا «قازاقىستانغا جاسۇسلۇق قىلغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن قازاقىستانلىق ئانا كۇرمان ئالىيېۋانىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى نامايىش قىلىۋاتقان قازاق ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنىمۇ خاتىرىلىگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، زۇلۇم يوق، ھەممە ئىش نورمال» دېگەن يالغان ئىددىئالىرىنى بازارغا سېلىپ، «گۈزەل شىنجاڭغا ساياھەتچى جەلپ قىلىش» قا كۈچەۋاتقان بىر مەزگىلدە، گېرمانىيەنىڭ ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەرلەر تارقىتىشقا باشلىغانلىقى گېرمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈنمۇ خىتايلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىش نۇقتىسىدىن ياخشى بىر سىگنال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ZDF قانىلىنىڭ «ئالتۇن ۋاقىت» تا تارقىتىلغان بۇ پىروگراممىلىرىنىڭ مىليونلىغان گېرمانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ فىلىملارغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ پىروگراممىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرىش، ئۇنتۇلدۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئۈچۈن بىر زەربە بولغان.

گېرمانىيە ۋۈرتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچى پىروفېسسورى بيۆرن ئالپېرمان بۇ ھەقتە ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى تا ھازىرغا قەدەر، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ‹غەربنىڭ ئىغۋاسى› دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتالمىش مۇسۇلمان تېررورچىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قايتا تەربىيەلەشنى ‹ئەسەبىيلىكتىن خالىي قىلىش› دەۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىنى بولسا ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر قانچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىندى ھەمدە نۇرغۇنلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى، بىز ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز.»