خىتاي زەرەپشان ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى «كۆچۈش» ۋە «ئىشلەش» بىرلەشكەن يېڭى شەھەرگە كۆچۈرگەن (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى قۇرۇپ، يېقىنقى 3 يىلدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرىدىن جەمئىي 1915 ئائىلە، 10285 ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەلگەن، «يۇڭئەن» رايونى، يەكەننىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. رادىيومىزدىكى تېخنىك ۋە مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ رايون ھەققىدە ئېلان قىلىنغان سىن ۋە سۈرەتلىك خەۋەرلىرى ئاساسىدا، ئۇشبۇ رايوننىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرەت، باشقا سۈرەت ئارخىپلىرى ۋە خەرىتىلەردىن يەنىمۇ تولۇق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تىرىشتۇق.

ھازىرغىچە ئېرىشكەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇچۇرلاردىن، بۇ جاينىڭ يەكەننىڭ شىمالىدىكى چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا 50 مىڭ مو يەرنى دائىرە قىلىپ قۇرۇلغانلىقى، ئەتراپى ئوچۇقچىلىق، تۆت چاسا رايون ئىكەنلىكى، رايون ئىچىدىكى قاتار-قاتار يول ۋە رەت-رەت ئوخشاش شەكىلدە سېلىنغان ئۆيلەردىن شەكىللەنگەن ئاھالىلەر رايونلىرى، مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، يەسلى، مەكتەپ، دوختۇرخانا يەنە مەھەللە سىرتى ئەتراپىدا بولسا قاتار-قاتار، چوڭ-كىچىك سېخ، پارنىك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقانلىقى مەلۇم.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتە 29-ماي تارقاتقان سىنلىق خەۋىرىدىمۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى قەيسەر ئەلەمشانىڭ خىتاي تىلىدا بۇ رايونغا نامرات نوپۇسنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن سىرت 2000 ئەتراپىدا قوتان، يېڭى نەسىللىك قوي-كالا يېتىشتۈرۈش فېرمىلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرۇپ، بۇلار ئارقىلىق يېڭى كۆچۈپ كەلگەن نوپۇسنى 4 مىڭغا يېقىن ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي تورىدىكى يۇڭئەن رايونىدا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ چاقىرىش ئېلانلىرىدىنمۇ بۇ جايدا داۋاملىق زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەرەپشان دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكانلىرىدىن بۇ سانائەتلەشكەن ئولتۇراق رايونى بولغان يۇڭئەن رايونىغا كۆچۈرۈشنىڭ، بۇ كارخانىلارنى ئىشچى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇپ سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقھرادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن ئادرىئان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى سىرتىدا قۇرغان يۇڭئەن شەھىرى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە مەلۇمات ھەمدە سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بىر شەھەر سىرتىغا، بىر جايغا كۆچۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى زور كۆلەمدە، كۆرۈنۈشكە بۇ جاي بەكمۇ قۇرغاق بىر رايون. بۇ شارائىتلار تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇشقا شارائىت يارىتىدۇ. بۇ، گەرچە خىتاينىڭ تىبەت ۋە باشقا جايلاردا مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان كۆچۈرۈش سىياسەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر شەكىل بولسىمۇ ئەمما بۇ مەن كۆرگەن زور كۆلەمدىكىسى ھېسابلىنىدۇ. تىبەت ۋە چىڭخەيلەردىمۇ نامراتلىق ياكى ئادەم زىچلىقى ۋە ياكى ئاپەتلەرنى باھانە قىلىپ كۆچۈرگەن مىساللار بار، ئەمما شىنجاڭدىكىسى تېخىمۇ زور كۆلەملىكتۇر، بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىتىشى ۋە كونتروللۇقى تېخىمۇ ئاشكارا بولغان. بۇ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ۋە مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ئېلىپ بارالايدىغان بىر يوچۇق. بۇ، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ باشقۇرۇشتىن پەرقلىق بولغان يەنە بىر خىل زور كۆلەملىك يىغىپ باشقۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بىر خىل مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ خىل كۆچۈرۈش سىياسىتىدە بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئازغىنە مائاش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەر تەرەپتىن ھايات ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنغان بۇ رايوندىكى باشقۇرۇشنى يەنە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇردۇق دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ.»

يېڭى كۆچۈرۈش رايونى يەكەن ناھىيەسىدىن 56 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن نوپۇس ئەتراپتىكى تاغلىق ۋە سۈيى ئەلۋەك يېزىلاردا ياشاپ كەلگەن ئائىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى يېڭى ئادرېسى، ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىدىن تارتىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسىدىكى قەدىمىي ماكانلىرىدىن 100 كىلومېتىردىن يىراقتا.

ئۆي قۇرۇلمىلىرى ئىنساننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سۈرەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېڭى شەھەردىكى ئۆيلەر ئوخشاش 60كۋادراتتىن 80 كۋادراتقىچە بولغان، ئوخشاش شەكىلدە سېلىنغان. كىچىككىنە قورۇلىرىدا يېشىللىق كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما كاچۇڭ قاتارلىق يېزىلاردىن كېلىپ چىققان ۋە شۇ جايلاردا زىيارەتلەردە بولغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ماكانلىرى بوستانلىقلار، دەريا-ئۆستەڭلەر، ئورمانلار بىلەن قاپلانغان، ئۆيلىرىنىڭ دائىرىسىمۇ ئاساسەن تەخمىنەن200 كۋادرات ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ دائىرىدە، قورۇلىرى ئەتراپىدا قوتان ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەر قوپۇرۇلغان، مەھەللىلەردە مەسچىتلەر بار بولغان تىپىك ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدۇر.

خەۋەرلەردە مەزكۇر يۇڭئەن شەھەرچىسىدە دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئەسلىھە ۋە ئورۇنلار شەھەر ئىچىگە قۇرۇلۇپ، ئاممىغا قۇلايلىق شارائىت يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، مەسچىت بارلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بۇ جاينىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى خاسلىقىغا ئىگە ئەمەسلىكىدىن باشقا، مەسچىتكە ئوخشاش ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سورۇنلىرىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۆچۈرۈشكە دائىر ئاممىغا ئوچۇق تەشۋىقاتلىرىدا يېڭى ئولتۇراق رايون ۋە ھويلا قۇرۇلۇشى نامرات كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

يەكەننىڭ زەرەپشان دەريا بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرى بولغان كاچۇڭ، دامسى قاتارلىق جايلارغا ئىلگىرىكى يىللاردا، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىدا كۆپ قېتىم ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە بارغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدىكى بۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى ۋە ياشاش مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلارنىڭ قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھاياتىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ تۆت چاسا ئىچىگە ئېلىنغان ئوخشاش ھايات رىتىمى تەكرارلىنىدىغان مەزكۇر يېڭى شەھەرلەردە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى قىياس قىلماق تەس ئەمەس» دەيدۇ.

ئۇ يەنە بۇ خىل كۆچۈرۈشنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەلتۆكۈس يوقىشىسس سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى ئەسلى-يۇرت مەھەللىلىرىدىن، قەدىمىي ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا رايونلاردىمۇ داۋاملاشماقتا. مەسىلەن، كېرىيەنىڭ قەدىمىي دەريا بويى يېزىسى، قاغىلىقنىڭ چىپان يېزىسى ۋە باشقىلار بۇنىڭ تىپىكى مىساللىرىدۇر.