خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چوڭ تىپتىكى تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ رەسمىي ئوينىلىشقا باشلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى «تىياتىر ‹جاڭ چيەن› شىنجاڭنىڭ سەھنە نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكنىڭ نامايەندىسى»، «جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە ئايلاندى.» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكوم سېكرېتارى سەي شياۋرۇڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە ھەقتە «جاڭ چيەن» سەھنىگە ئېلىپ چىقىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى ماھىيەتلىك تەدبىر» دېگەن.
خىتاينىڭ غەربىي خەن دەۋرىدە غەربىي رايونغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چيەن توغرىسىدا ئىشلەنگەن بۇ چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنى تەييارلاشقا، زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچ كەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئىجاد قىلىشقا تەشكىللىگەن. تىياتىرىدا جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىش جەريانى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، تۆت پەردىلىك بۇ تىياتىرنى سەھنىلەشتۈرۈشكە 4يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنغانىكەن.
«خاۋ كەن. بەيدۇ» تورىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا تىياتىرنىڭ باش رېزىسسورلۇقىنى خىتاي دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور شىڭ شىمياۋ بىلەن گاۋ شەن ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى ماھىرە ئەمەتجان قاتارلىقلار تىياتىرىدا باش رول ئالغان.
«جاڭ چيەن» ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنىڭ ئاساسلىق رېژىسسورى شىڭ شىمياۋ خىتاي ئاخباراتلىرىغا بۇ ھەقتە سۆزلىگەندە، جاڭ چىيەننى يىپەك يولىنى ئاچقۇچى، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغۇچى، خەن دەۋرىدە خىتاي پادىشاھىنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغۇچى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە سۆزىدە بۇ تىياتىر ئارقىلىق «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ يەنە تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ تارىخىي مەنزىرىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى، ساداقەتمەن، قەيسەر تارىخىي شەخس جاڭ چيەن ئوبرازىنى قايتا يارىتىپ، تارىخىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشقانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاينىڭ «جاڭ چيەن» نى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئىشلىگەن، بۇ چوڭ تىپتىكى تىياتىرى، دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەمدە كەڭ كۆلەملىك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇقام سەنئىتىدىن تارتىپ، تىلى، دىنىي، تارىخىنى چەكلەپ، سەنئەت ساھەسىدىكى سەر خىللىرىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىغان، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، خىتاينىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەنئەتنى ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرەزلىرى ئۈچۈن قوللىنىشىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىن تارتىپلا داۋام قىلىپ كەلگەن ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەرھات ئەپەندى بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن ئەينى دەۋردىكى خىتاينىڭ «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» ناملىق تىياتىرىنى، ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ 12مۇقام مۇزىكىلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
پەرھات ئەپەندى يەنە بۇ تەشۋىقاتتىكى «جاڭ چىيەن» دىن ئىبارەت پېرسوناژنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇرمىلانغانلىقىنى، تارىخقا ھۆرمەت قىلمىغان بۇنداق بىر تىياتىرنى، سەھنە ئەسىرى دېيىشكە بولمايدۇ ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، تارىخقا مۇراجىئەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەرھات ئەپەندى ئەسكەرتكەندەك بىز «جاڭ چيەن» كىم؟ دېگەن سوئالنى، ئۇيغۇر تارىخچى ۋە ئارخېئولوگ ئامېرىكادىكى قۇربان ۋەلى ئەپەندىدىن سورىدۇق.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى خىتاينىڭ جاڭ چيەن يىپەك يولىنى ئاچقان دېگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تارىخقا ئۇيغۇن بولمىغان بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەسكىن ھالدا «جاڭ چيەن ئەمەلىيەتتە ئەينى دەۋردە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن تارىم ۋادىسىغا ئەۋەتىلگەن بىر جاسۇس» دەيدۇ.
خىتاي ئەكسىچە بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدا جاڭ چيەننى ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى دەپ كۆرسەتمەكتە.
قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، جاڭ چىيەندىن ئىبارەت تارىختا ئۆتكەن بۇ شەخس خىتايدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ مەدەنىيەت تارقاتقان ئەمەس، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاڭ چيەن تارىم ۋادىسىغا كېلىپ ھەرىكەت قىلغاندا، ھونلارنىڭ ئەسىرىگە چۈشكەن، ھونلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان. ئەمما ئىككى يۈزلىمىچى جاڭ چيەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن ھونلاردىن قۇتۇلۇپ قايتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ماددىي بايلىق نەمۇنىلىرى، ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. ئۇ بۇلارنى خەن سۇلالىسىگە ئاپىرىپ كۆز-كۆز قىلىپ تارقاتقانىكەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تىياتىر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا بولغان رەسمىي كۆز قارىشىنى سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان گۇمانلارنى يوقاتماقچى ئىكەن. خىتاي تارىخىي ماتېرىياللىرىدا غەربىي خەن پادىشاھىنىڭ جاڭ چىيەننى ھونلارغا قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەشكە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 139-يىلى غەربىي رايونغا ئەۋەتكەنلىكى، جاڭ چىيەننىڭ ئون نەچچە يىللىق غەربىي رايون سەپىرىدە نۇرغۇن ئاخبارات توپلاپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھونلارنى مەغلۇپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاي ئۆزىنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا، مىلادىيە 8-ئەسىرلەردىلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى گۈللەنگەنلىكى، ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن نەي، غېجەك، ئۇسسۇللاردىن شىر ئۇسسۇلى، پىرقىرىما ئۇسسۇللار تارىم ۋادىسىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىچە تارقىلىپ مودا بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ سابىق ئارتىسى، ئاۋسترالىيەدىكى سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىمۇ 1980-، 90-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن شۇنداق سەھنىلەردە رول ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلىرى بولغان بولسا ئۆز ئاتىسى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئوخشاش بېسىم ۋە تەقىب ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ سەنئەت سېپىدىكى سەپداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئۇ، ئۇيغۇر ئارتىسلارمۇ رول ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، خىتاينىڭ «جاڭ چيەن» ناملىق بۇ سىياسىي غەرەزدە ئىشلىگەن تىياتىرىنى سەنئەت دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شۆھرەت تۇرسۇن بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتى يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان بىر دەۋردە سەھنىگە چىقىرىلغان بۇ تىياتىرنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىۋى قىممىتى ياكى سەنئەت قىممىتى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولىدۇ خالاس» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، «جاڭ چيەن» ناملىق بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئويۇنىنى قويۇش، 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ بۇ زور كۆلەملىك ئويۇننى دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىغان پەيتكە توغرىلاپ قويۇشقا باشلىشىنىڭ، ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ ھىمايىسىدە بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان گۇمانلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.