زىلالە مەمەت: «قەلبىمىزدە ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى بولسىلا يوقاپ كەتمەيمىز!»
2024.08.01
2024-يىللىق TEDxCornell يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان نيۇ-يورك شىتاتىدىكى كورنېل (Cornell) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىللىق نۇتۇققا تاللانغان ماھىرلار ئىچىدە چىمەن دوپپىسى ۋە يارىشىملىق ئەتلەس كۆڭلىكىنى كىيىپ سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر قىزى زىلالە مەمەتمۇ بار ئىدى. ئۇ «قەپەسلەنگەن قۇشنىڭ ناۋاسى: ئەسلىمىنىڭ ئىسيانى» تېمىسىدىكى نۇتقىنى مۇنداق ھېسسىياتلىق تەسىرلىك بايانلار بىلەن باشلايدۇ:
«مەن ئالغان ھەر بىر نەپەس، ھەر ئويغانغان دەقىقىلەردە ئۆزۈمگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بۈگۈنكى دۇنيادا مېنىڭ كىملىكىمنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت. شۇنداق، ئۇيغۇر بولۇش جىنايەت! بۇ جىنايەت سەۋەبلىك مەن ئېغىر بەدەل تۆلىدىم. مېنىڭ ئىسمىم زىلالە مەمەت، مەن ئۇيغۇر. مەن كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى. مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى ‹ئائىلەمدىكىلەر كەچكىچە ياشىيالارمۇ؟ ئەتىگىچە ھايات قالارمۇ› دەپ تەشۋىشلىنىمەن.»
TED سۆھبىتى ئامېرىكا ۋە كانادانى ئاساس قىلغان ھالدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى ئىدىيەلەرنى تارقىتىشقا مەيدان ھازىرلىغان داڭلىق مۇنبەر. بۇنىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇستەقىل نۇسخىسى TEDxCornell نامىدا يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.
2024-يىللىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلەشكە تاللانغان زىلالە مەمەت مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «قەپەسلەنگەن قۇشنىڭ ناۋاسى: ئەسلىمىنىڭ ئىسيانى» تېمىسىدىكى تەسىرلىك نۇتقى يېقىنقى كۈنلەردە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
زىلالەنىڭ نۇتقى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى-2018 يىلى قەشقەردىكى بوۋىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرى ۋە ئۇنىڭ يۈرىكىدە قالدۇرغان جۇدالىق جاراھەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى بوۋىسى ئوبۇل نۇرنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئىسىمسىز قەبرە تېشى بىلەنلا تولىمۇ قەدىرسىزلەرچە ئىككىلىك كود ئارقىلىق نومۇر قويۇلغان قەبرىگە كۆمۈۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندا كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالىدۇ. ئۇ «بوۋامنىڭ قوللىرىنىڭ قوللىرىمنى تۇتقاندىكى ئىللىقلىقىنى، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئەسلىيەلەيتتىم. ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئۆيىمىزنىڭ كارىدورىدا ياڭرىغانلىقى ئېسىمدە. ئەمما ئۇ مېنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇنى كۆرمىگىنىمگە، ئاخىرقى قېتىم ھىدلىغىنىمغا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىغىنىمغا ئالتە يىل بولدى» دەيدۇ.
زىلالە ئائىلە بويىچە بوۋىسىنىڭ ئاخىرقى ئاۋازى ۋە يۈزىنىمۇ كۆرەلمىگەنلىكىدەك قايغۇلۇق ئاقىۋەتكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەبنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ نەتىجىسى» دېگەن يەكۈن بىلەن باغلاشتا كۈچلۈك پاكىتلارغا ئاساسلانغان، شۇنداقلا بۇنى لوگىكىلىق ھالدا يانداش كونكرېت تېمىلار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ۋاشىنگتوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زىلالە ئۆزىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يەنىلا چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە يەنىلا بوۋىسىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ يېتىلىشىدىكى رولى ھەققىدە سۆزلەپ كەتتى.
زىلالە نۇتقىدا ئاڭلىغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ۋەتىنىنىڭ گۈزەل تاغ دەريالىرىغا، بىپايان زېمىندىكى بايلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرك قوۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى گۈزەل ۋە راۋان تىلدا سۈپەتلەيدۇ. ئۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان. بۇ دۆلەت كەڭ تەبىئىي بايلىقلارغا، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىدىكى سانسىزلىغان نېفىت زاپىسى ۋە تۈگىمەس پاختا ئېتىزلىقلىرىغا ئىگە» دېگەننى چوڭقۇر پەخىرلىنىش ئىلكىدە بايان قىلىدۇ. زىلالە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھاياجاندا سۆزلەپ بەردى.
زىلالەنىڭ نۇتقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ سەۋەبى ھەمدە ئۇنىڭ قانداق باشلانغانلىقىدەك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ئىخچام يوسۇندا دۇنيا ۋەزىيىتىگە باغلاپ شەرھلەش بولدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى خىتاي ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان دۆلەت نامى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› غا ئۆزگەرتىلدى. شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە مىسلىسىز زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى داۋام قىلىپ كەلدى» دېدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئوخشىمىغان توققۇز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان شەرقى تۈركىستان خىتاينى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر قانال. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خىتاينىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان ھەر قانداق ئەھۋالدا ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان زېمىن» دېدى.
بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار بىلەن باشلىغان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىمۇ دەلىل ئىسپاتلىق، سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى ماس كەلگەن ھالدا يورۇتۇپ بەردى. شۇنداقلا لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار ھەمدە مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى دانە-دانە بايانلار بىلەن جانلىق ئىپادىلەپ بەردى.
بىز ئىككى ياش چېغىدا تۇغۇلغان ۋەتىنىدىن ئايرىلغان زىلالەنىڭ ۋەتىنى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ مەنبەسىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا بۇنى ئائىلىسى، بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
زىلالە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدا بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن باشقا ئۆزىگە ئوخشاش ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۆسمۈرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنىڭ ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ بۇ سۆزلىرىگە مىسال قاتارىدا ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك راھىلە ئۆمەرنى تىلغا ئالدى. 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن راھىلە ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن بولۇپ ئۇ «ئەگەر راھىلە ھايات بولسا ماڭا ئوخشاش 20 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بىغۇبار ئۆسمۈرلۈكىنى خازان قىلدى» دەپ ئېچىنىدۇ. راھىلە ئۆمەر-2022 يىلى ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەشقەردىن لاگېرغا قامالغان 2888 كىشىنىڭ سۈرەتلىرى ئىچىدە ئۇمۇ بار ئىدى.
زىلالە شۇ قاتاردا دۇنيانىڭ تەدرىجىي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ يېتىشى ۋە خىتايغا بېسىم قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا كىرىشكەنلىكىنى، 2021-يىلى، خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن خىتاينىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا چېتىشلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەيدىغان «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئەمما ئاشكارىلانغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبسىز قولغا ئېلىنىپ، بىگۇناھ قامىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ئۇ لاگېردىكى بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغان شۇ ۋاقىتلاردا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە خىيالىدىن قانداق ئىزتىراپلىق تەشۋىشلەرنىڭ كەچكەنلىكىنى سۈرەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «-2022يىلى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› شەرقىي تۈركىستاندىكى قەشقەردە تۆت يىل ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 2888 كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارا قىلدى. دادام ئىككىمىز ئېغىر نەپەسلەر ئىچىدە 2000 پارچە سۈرەتكە بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلىمىزدىكىلەردىن بىرەر تونۇش چىراينىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق. بۈگۈن ئۇلاردىن قانچىلىك ئادەمنى ھايات دېيەلەيمىز؟ بۇ سۈرەت تارتىلغان ئاشۇ ۋاقىت يەنە قانچىلىك كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار بولۇپ قالغاندۇ؟»
زىلالە ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بۇ زۇلۇملارنىڭ داۋام قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ «ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇشى ماھىيەتتە بارچە كىشىلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىن كېلىپ چىققان» دېگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە ئىشتىراكچىلارغا مۇنداق سوئال تاشلايدۇ:
«6483 مىل (تەخمىنەن 10400 كىلومېتىر) يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئاددىي بىر كۆڭلەك سىزنى راھىلە ئۆمەرگە ئۇلايدۇ. بەلكىم كۆڭلىكىڭىزنىڭ يەڭلىرى ئۇنىڭ قوللىرىدا تىكىلگەندۇ. ياكى بېلىقىز ئابدۇرېھىمنىڭ بارمىقى سىز كىيىۋالغان ئايىغىڭىزنى تىككەندۇ. خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان. ئۇلاردا تاغام، ئاچام، بەلكىم يەنە راھىلە ئۆمەرنىڭمۇ قان ئىزى بولۇشى مۇمكىن. دۇنيادىكى بەش چوڭ كىيىم-كېچەك ماركىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانغان، ئۇنداقتا ئۇچىڭىزدىكى كۆڭلەككە ‹خىتايدا ئىشلەنگەن› دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولسا سىز بۇ ئىشلاردىن قانچىلىك يىراقتا بولغان بولىسىز؟»
زىلالە بۇ قېتىمقى نۇتقىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ خىتاينىڭ ھېلىھەم بۇ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەمدە بۇنىڭ خەتىرى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختالغان.
زىلالەنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىنىڭ باشقا مەزمۇنلىرىنى مەزكۇر تېمىدىكى پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.