زىلالە مەمەت: «ئىنسانلار ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئەمگىكى ۋە قېنىنىڭ بىزگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.08.02
zilale-enver-memet ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان نيۇ-يورك شىتاتىدىكى كورنېل (Cornell) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن TEDxCornell يىغىنىدا ئۇيغۇر قىزى زىلالە مەمەت «قەپەسلەنگەن قۇشنىڭ ناۋاسى: ئەسلىمىنىڭ ئىسيانى» تېمىسىدىكى نۇتقىنى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 27-ئاپرېل.
Photo: RFA

2024-يىللىق TEDxCornell يىغىنىدا «قەپەسلەنگەن قۇشنىڭ ناۋاسى: ئەسلىمىنىڭ ئىسيانى» تېمىسىدىكى نۇتقىنى «بۈگۈنكى دۇنيادا كىملىكىمنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت. شۇنداق، ئۇيغۇر بولۇش جىنايەت! بۇ جىنايەت سەۋەبلىك مەن ئېغىر بەدەل تۆلىدىم» دېگەن ئىخچام بايانلىرى بىلەن باشلىغان زىلالە مەمەت تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تېزدىن ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ تاماشىبىنلارغا قاراپ «ئۈچ مىليون ئادەمنىڭ قېنى ۋە ئەمگىكى بىزگە تۇتىشىدۇ. ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق 10 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى، بۇ ئاخىرقى قېتىم قاچان خەۋەر قىلىندى؟» دېگەن كۈچلۈك سوئاللىرى بولسا ئۇلارنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغان.

زىلالە جىددىي ئېقىم مەسىلىلىرى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نۆۋەتتە تەدرىجىي ئۇنتۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، يەنىلا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان كىشىلەرگە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە پۇرسەت بېرىپ سۆزىنى مۇنداق داۋام ئېتىدۇ.

«بۇ تاسادىپىيلىقمۇ ئەمەس! ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ھەر قانداق ئۇچۇرنى باستۇرۇپ كەلدى. گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى نەچچە مىلغا سوزۇلغان ۋە سانى نەچچە يۈزگە يەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى سۈرەتلەر ناھايىتى ئاز، سىنلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سۈكۈت ۋە قاراڭغۇلۇقتا يۈز بېرىۋاتقان بىر كىرىزىستۇر.»

زىلالەنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار پەقەت كۆز بىلەن كۆرەلىگەن شەيئى ۋە ھادىسىگە، شۇنىڭدەك تەسۋىرلەرگە ئىشىنىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانلىرىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان جانلىق سۈرەتلەر ۋە ئۇنى جەزملەشتۈرىدىغان «ئىسپاتلار» بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە زامانىۋى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى قىيىنغا چۈشمەكتە. يەنە بىر ياقتىن ئىنسانلارنىڭ «ئۆزى كۆرمىگەن» بۇ قىرغىنچىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى ۋە ھېس قىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن 10 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «2024-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئومۇملىشىپ قالدى. بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەستە تۇتۇشقا تىرىشقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتۇق» دېگەن.

زىلالە ئۆز نۇتقىدا 2022-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتىدە دۇنياغا ئاشكارا بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئىچكى ئارخىپلارنى بىر قانچە قېتىم مىسال ئالىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرغا قامىغان 3000 غا يېقىن تۇتقۇننىڭ فوتو سۈرىتى، كىملىك مەلۇماتلىرى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى يەر ئالغان زور ھەجىملىك ئارخىپ بولۇپ، بۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ياش تۇتقۇن 15 ياش، ئەڭ كىچىك تۇتقۇن ئاران ئالتە ياشلىق بالا، ئەڭ چوڭى 75 ياشلىق موماي ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ قالغانىدى. مۇتەخەسسىسلەرمۇ «‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى لاگېرلاردىكى مەۋھۇم رەقەمنى ئادەمگە ئايلاندۇردى» دەپ باھالار بەرگەنىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ ھۆججەتلەردىكى سۈرەتلەر ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ يىللاپ ئالاقە قىلالمايۋاتقان ياكى ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تاپقان ئىدى. ھۆججەت ئاشكارىلانغان كۈنى كەچقۇرۇن زىلالەمۇ دادىسى ئەنۋەر مەمەت بىلەن مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىچىدە مىڭلىغان سۈرەتلەر ئىچىدىن دادىسىنىڭ قەشقەر كوناشەھەردىكى نەۋرە سىڭلىسى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

ئىنسانلارنىڭ ئويغىنىشىغا بىر ۋەقە، ھەتتا بەزىدە بىر سۈرەت ۋە ياكى بىر سۆز سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھى بىلەن يېتىلىۋاتقان زىلالە زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا يېتەكلىگەن كۈچنىڭ دەل «ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقتا ۋاسىتىلىك قۇربانلاردىن بولۇپ قېلىش» ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

زىلالەنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دادىسىنىڭ توققۇزاقتىكى نەۋرە سىڭلىسى، ھازىر 45 ياشلار چامىسىدىكى ئوقۇتقۇچى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئىشەنچلىك خەۋەر يوق ئىكەن. زىلالە نۇتقىدا ئۇنى ئالاھىدە ئەسلەش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنى ئارزۇگۈلگە ئوخشاش لاگېرلارغا بىگۇناھ قامالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىگەن.

زىلالە نۇتقىدا شەخسىي ھېكايىلىرى، ئازاب ۋە ئىزتىراپلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ زامان بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇنتۇلدۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىدىن ۋە چۈشەنچىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۇيغۇرلارغا ئۇرۇش ئېچىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئەسلىمە ۋە خاتىرىلىرىگىمۇ ئۇرۇش ئاچتى» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيانىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇشى ھەمدە قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئاگاھ بولۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇشۇنىڭغا ئۇلاپلا دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئەمدى ئويغىنىدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى جەسۇرانە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىسيانى دەل ئۇنىڭ ئاخىردىكى خىتابىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ سۆزىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن تاماملايدۇ: «قانداقلا بولمىسۇن، ئەستە ساقلىشىڭىزنى سورايمەن. چۈنكى مۇشۇ دەقىقىلەردىمۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنىڭ ئۆزى بىر تۈرلۈك قارشىلىقتۇر. ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتىشكە ئىلاجىسىزمىز، ئەمما كەلگۈسى بىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ قولىدا!»

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى نيۇ-يورك شىتاتىدىكى داڭلىق ئونۋېرستېتلاردىن بىرى. بۇ مەكتەپتە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كورنېل TEDx يىغىنى بولسا، ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىدىغان، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرىدىغان داڭلىق مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.