روس باببىج بىلەن سۆھبەت: «كېيىنكى زور ئۇرۇش» (2)

0:00 / 0:00

ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىدا خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ئانالىزچىسى روس بابىج ( Ross Babbage) نىڭ 2023-يىلى فېۋرالدا نەشردىن چىققان «كېيىنكى زور ئۇرۇش: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەمدۇ؟» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بولغۇسى ئۇرۇش تېمىسىغا بېغىشلانغان ئەڭ يېڭى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن نەشر قىلىنغان ھامان ھەرقايسى ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ قانداق باشلىنىشى، ھەر ئىككى تەرەپكە خاس ئارتۇقچىلىقلار ۋە يېتىشسىزلىكلەر، بۇ ئۇرۇش پەيدا قىلغۇسى ئاقىۋەتلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى بايانلىرى سىياسىيونلار، ئاخباراتچىلار ۋە سودا ساھەسىنى ئۆزىگە يارىشا جەلپ قىلدى.

«ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقى بار!»

دوكتۇر روس بابىجنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى زور بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتىشسىزلىكى قارشى تەرەپكە ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇملۇق. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى دىكتاتۇرىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بارلىق ھوقۇق ۋە پىكىر بىرلىكىنى شى جىنپىڭنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولسا، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ۋەزىيەت بۇنىڭدىن پەرق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھاكىمىيەت قاتلىمى ۋە جەمىيەت قاتلىمىدىكى پىكىر بۆلۈنمىچىلىكى نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىق سانىلىدۇ.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا روس بابىج بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق. بەلكىم سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك ھازىر بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز روشەن ھالدا نەچچىگە پارچىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر كۈنىدىكى ئاخبارات سەھىپىلىرىدە بۇ ئازابلىق مەنزىرىنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەرەپپازلىق، شۇنىڭدەك ھەرقايسى شىتات قاتلاملىرىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى دېگەنلەر ھازىر بەكمۇ ئەۋزەيلەپ كېتىۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتسام، ھازىر ئامېرىكا تەۋەسىدە بولۇۋاتقان كۆپلىگەن ئىشلار بۇ خىل رېئاللىقنى بەكمۇ ئاشكارا نامايەن قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرى ھەممىلا ئىشتا، جۈملىدىن بولغۇسى توقۇنۇش، ئامېرىكا ئويناپ كېلىۋاتقان دۇنياۋى يېتەكچىلىك رول قاتارلىق مەسىلىلەردە پۈتۈنلەي پەرقلىق پىكىر قىلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئىچكى قىسىمدىكى بۇ خىل پارچىلىنىش تەبىئىي رەۋىشتە پىكىر ئىختىلاپىغا ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي بۇ خىل بۆلۈنۈشنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. شى جىنپىڭ ھازىر ئامېرىكا ئۈستىدىن ئوڭايلا غەلىبە قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. بۇ ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى جان تىكىپ قوغدايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل.»

روس بابىجنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا بىر قاتار باش قېتىمچىلىقى بولۇپ، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ تونۇشلۇق. بولۇپمۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىلىرى كۆپىنچە ھالدا يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشى نۇرغۇن ئائىلىگە روھىي پاجىئە ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ئارمىيەسى 1979-يىلىدىكى ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن جەڭ كۆرۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ۋېيتنام ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە «ئاساسىي ئۇرۇش» دەپ كەتكۈدەك ئۇرۇشمۇ ئەمەس. خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قېتىملىق زور ئۇرۇش قوزغىشىغا بەزى توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «توغرا، خىتاي 1979-يىلىدىن بۇيان ئۇرۇش كۆرۈپ باقمىدى. ئۇرۇش كۆرگەن كىشىلەرمۇ ھازىر ئاساسەن قالمىدى. بۇ دەرۋەقە سىز تىلغا ئالغاندەك بىر زور ئاجىزلىق. ئەمما خىتاي ھازىر قىلىپ بولغان بىر مۇھىم نەتىجە شۇ بولدىكى، ئۇلار ئۇرۇشقا تەييارلىنىشتا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ كەتتى. يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا بەزى مەسىلىلىرى مەۋجۇت. خىتاي ئارمىيەسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر پەرزەنتلىك ئائىلىدىن كەلگەن بولغاچقا، جەڭدە ئۆلگەن ئەسكەرلەر تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدىغان ئىجتىمائىي تەسىر ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدا بولىدىغان ئوخشاش تەسىردىن ئېغىر بولىدۇ. ئەمما بىز مۇشۇنىڭغا قاراپلا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكىلەرنى بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي تەسىردىن بىئارام بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىساق، خاتالاشقان بولىمىز. بىز بۇ خىل ئىجتىمائىىي تەسىرنى تاجىسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندا كۆپ قېتىم كۆردۇق. شۇ ۋاقىتتا مىڭلىغان ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا مىت قىلىپ قويمىدى. شۇڭا بۇ ھال ئۇلار ئۈچۈن زور مەسىلە ئەمەس. بۇ ساھەدە بىرەر نارازىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغۇچە خىتاينىڭ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان نازارەت ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى بۇنى بۆشۈكىدىلا جىمىقتۇرىۋېتىدۇ. خىتاينىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ھازىر بىر تۈرلۈك قوش بىسلىق خەنجەرگە ئوخشاش خىتايغا تەھدىت بولۇۋاتىدۇ. خىتاي نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى يېقىن كەلگۈسىدىكى 20-30 يىلدا زور بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ. 2050-يىلىغا بارغاندا، خىتايدا ھازىر ئىشلەۋاتقان ھەر يەتتە ئادەمدىن پەقەت ئىككىلا ئادەم قالىدۇ. بۇ ھال خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر مۇھىم ئامىل. شۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئۈچۈن تەيۋەننى ئېلىش ئۇرۇشىنى كېيىنگە سوزغاندىن كۆرە، بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش پايدىلىقراق بولىدۇ. مېنىڭ مۆلچىرىمچە، بۇ ئۇرۇش 2023-يىلى بىلەن 2027-يىلى ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.»

«ئامېرىكا ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولالمىدى!»

روس بابىجنىڭ كىتابىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر مەزمۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قايسى دەرىجىدە تەييارلىق كۆرۈپ بولغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى بىر قېتىملىق زور ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولالمىغان، دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ ئامېرىكا ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن روبىرو بولۇش ھەر جەھەتتىن زىيانلىق، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال يالغۇز ھەربىي ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن. مېنىڭچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھازىر ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولالمىدى. مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى بىر سەۋەبمۇ دەل مۇشۇنىڭدا. بۇ كىتاپ بىزنى بىرلىكتە ئىش كۆرۈشكە ۋە ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئىچكى جەھەتتىمۇ بىز ماس قەدەمدە ھەركەتلىنىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا شەخسلەر، شىركەتلەر، سودا ساھەسى دېگەنلەر بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشى لازىم. چۈنكى ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆز پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرغىنى يوق. چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ساراسىمغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئورتاق ۋە زور مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى، ئەڭ ئاددىسى ئادەملىرىمىز ئىشتا، پىكىردە ۋە ھەركەتتە بۇ ئۇرۇشنىڭ سالمىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشى، جەمئىيەتتىكى مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇش پارتلاپ قالسا كۆرۈلىدىغان جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.»

روس بابىج يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا بۇ خىرىسلار ئالدىدا ئۇيقۇسىنى ئېچىشى لازىم. ئەمما بىز ماڭىدىغان يول بەك ئۇزۇن. بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاياقلىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىشى بىزنىڭ ھازىر قانداق تەييارلىق قىلىشىمىزغا باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئىككى ئىشنى قىلىشى لازىم. بىرى، بۇ ئۇرۇشقا ياخشىراق تەييارلانساق، خىتاي ھۇشىنى يىغىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشى ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ ھالدا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان دۇنياۋىي ئىتتىپاقنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ قىممىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ دەل مۇشۇ خىل رېئاللىقتۇر. كىشىلەر بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشى، خەتەرنى ھېس قىلىشى، بولۇپمۇ ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى لازىم.»

دوكتۇر روس بابىج ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئىزدىنىشى جەريانىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى ساھەنى تەپسىلىي باھالاپ چىققان. ئۇنىڭ پىكرىچە، ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېزدىن يېتەرلىك تەييارلىق كۆرەلىسە، خىتاينى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلىيەلىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە سالماق، ئەمما ئاستا سۈرئەتتە تەييارلىق كۆرمەكتە، دەپ كۆرسەتمەكتە.