مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق تارىخىي رومانى ئەنقەرەدە «بەنگۈ»، يەنى مەڭگۈ نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىندى.
61 يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇر خەلقىگە «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»، «ئاتا» ۋە «ئانا يۇرت» قاتارلىق قىممەتلىك رومانلارنى، يۈزلىگەن ھېكايە-پوۋېستلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 3 توملۇق «ئانا يۇرت» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ 1-تومىنىڭ تۈركچە نەشرى يېقىندا ئەنقەرەدە يورۇق كۆردى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى ئىلگىرى تۈركىيەدە ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان يازغۇچى ئەنۋەر مۇھەممەت ئۇيغۇر تىلىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.
مەزكۇر روماننىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىققان تۈركچە بىرىنچى تومى 350 بەت بولۇپ، مەزكۇر روماندا 1944-يىلى ئىلىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى تارىخىي ۋە بەدئىي شەكىلدە بايان قىلىنغان. يازغۇچى روماندا ئەخمەتجان قاسىمى، ئېلىخان تۆرە، غېنى باتۇر قاتارلىق رېئال تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى تارىخىي چىنلىق بويىچە يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا روماندا يەنە مۇختەرباي، نۇرى قاتارلىق بىر قىسىم بەدئىي ئوبرازلارنىمۇ بەدئىي چىنلىق بىلەن يورۇتقان. مەزكۇر رومان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان مۇھىم تارىخىي رومان ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان، ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى كەمال بوزوق ئەپەندى «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ تۈركچە تەرجىمە نۇسخاسىغا تەھرىرلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ روماننىڭ تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى بايان قىلىنغان رومانلارنىڭ تۈرك ئوقۇرمەنلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈشى ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ زامانىمىزدا ئۆتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلار يازغان رومانلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار بىرلىكى ‹بەنگۈ نەشرىياتى› دا نەشىر قىلدۇرغان ‹ئانا يۇرت› رومانىنى 1944-يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. بۇ رومان تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئۆگىنىشى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.»
بىز كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا ماگىستېرلىق ئىلمىي ماقالىسى يازغان ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەدە 1990-يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان» ناملىق تارىخىي رومانى نەشىر قىلىنغان ئىدى. 2010-يىلى پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇت كاشغەرى» ناملىق تارىخىي رومانى، 2021-يىلى پىشقەقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كەرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىب» ناملىق تارىخىي رومانى مەرھۇم شائىرە زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.
ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى تۈركىيەدە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى ياخشى تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ياخشى تونۇشتۇرۇلمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ روماننىڭ تۈركچە نەشىر قىلىنىشى، تۈرك ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يازغۇچى زوردۇن سابىر 1937-يىلى 4-ئايدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1957-يىلى «ئىلى گېزىتى» دە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر 1976-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بېرىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 4 رومان، 13 پوۋېست ۋە كۆپ ساندا ھېكايەلىرى نەشىر قىلىنغان.