لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ لاگېردا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق قىسمىتى ۋە 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قاتتىق باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىسپات بەرگەنلىكى ۋە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر لاگىر شاھىتلىرىنىڭ بىرى.
زۇمرەت خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سىن فىلىملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدا ئۇلاپ تارقىتىپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يوللىغان بۇ سىن فىلىملىرى كۆپ قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، كۆرۈلۈش قېتىم سانى ھەسسىلەپ ئاشقان.
زۇمرەت داۋۇت خانىم ئۆزى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا دائىر پاكىتلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى بىلەن نۆۋەتتە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىپلەشكە ئۇچرىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەيىبلەشكە قارىتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىنكار قىلىش ۋە پەردازلاش سىياسىتىنى قوللانغان. خىتاي ئۆزى تارقاتقان بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى ۋە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاپ قويغان.
زۇمرەت خانىم يەنە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىزدەپ تېپىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئىنكاسلار ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل جاپالىق ئەمگىگى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
زىيارتىمىز ئاخىرىدا زۇمرەت خانىم يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكەن ئىنمكانىيىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە تېخىمۇ زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.