زۇمرەت داۋۇت: «ئوپېراتسىيەدىن كېيىنلا خىتاينىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Zumret-Dawut-Qoshmaq-Tuqqanliri-Bilen-2018-01.jpg لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن. 2018-يىلى. ئۈرۈمچى.
Zumret Dawut Teminligen.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 11-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا 57-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇتقان سىياسىتىنى ئاقلىغان، شۇنداقلا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توردا «كىم ئاشتى» قىلىپ ساتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. دائىرىلەر بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇتقان سىياسىتىگە دائىر مەسىلىدە ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىنى ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتقا قاراتقان. بۇ ئۇنىڭ ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، لاگېر شاھىتلىرىنى تۇنجى قېتىم قارىلىشى ئەمەس. دائىرلەر بۇرۇنمۇ يالغۇز زۇمرەت داۋۇتنى ئەمەس، تۇرسۇنئاي زىياۋدۇن، قەلبىنۇر سىدىق، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىمۇ قارىلاپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ئاخبارات يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، زۇمرەت داۋۇتنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغانلىقى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قامالغان باشقا ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشكە مەجۇرلانغانلىقى، ئۇنى «مەجبۇرىي ئوپېراتسىيە» قىلىپ بالاياتقۇسىنى بوغۇۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ «قوشماق تۇغقانلىرى» نى ئۇنى «چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقى» نى رەت قىلغان.

شۈ گۇيشياڭنىڭ ئېيتىشىچە، زۇمرەت داۋۇت «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تەربىيەلىنىپ باقمىغان، ئۇنىڭغا ھېچقاچان «مەجبۇرىي تۇغماسلىق» ئوپېراتسىيەسى قىلمىغان، «قوشماق تۇغقىنى» ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ باقمىغان، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ھېچقاچان ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، ساقچىلارنىڭ سوئال سورىقىدا ئ‍ۆلۈپ كەتمىگەن ئىكەن.

شۈ گۇيشياڭ زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئ‍ۆيىگە «قوشماق تۇغقان» ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ زۇمرەت داۋۇت «قوشماق تۇققان» دېگەن شەخسنىڭ ئ‍اكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ «قوشماق تۇغقىنى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «قوشماق تۇغقىنى» ھېچقاچان ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ باقمىغانلىقى، ئاكىسىنىڭ «قوشماق تۇغقىنى» نىڭ 2018-يىلى 1-ئايدا زۇمرەت داۋۇتنى ئاكىسى ۋە قېينىھەدىسى بىلەن قوشۇپ ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرغانلىقى، «قوشماق تۇغقان» نىڭ ئانىسى تۇڭگان بولۇپ، ئۇنىڭ «چوشقا گۆشىدە تاماق ئېتىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى ئېيتقان.

بىراق زۇمرەت داۋۇت 11-ئۆكتەبىر شۈ گۇيشياڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاش قايتۇرۇپ، قولىدا لاگېردا ياتقانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلىقى، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانلىرى» نىڭ ئۆيىدە قونغانلىقى قاتارلىقلارغا ئائىت يېتەرلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت داۋۇت مۇنداق دېدى: «مەن ھېلىمۇ باشقا شاھىتلارغا قارىغاندا مۇشۇ تۇغقاندارچىلىق بولامدۇ، نېمىلا بولسۇن ھەممىسىگە شاھىت قىلىپ رەسىملىرىنى ئېلىپ كەپتىكەنمەن، ئۇ خىتايلارنىڭ. بۇنىڭدىن تېنىۋالسا بولمايدۇ. مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر ئەمەس، ھەتتا شۇ چاغدا قىزىم بەش ياشقا كىرگەن، ئاشۇ بەش ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭمۇ ‹خىتاي تۇغقىنى› بار ئىدى.»

زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، شۈ گۇيشياڭ ئاخبارات يىغىنىدا بىر گەپنى راست قىلغان. ئۇ بولسىمۇ زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنىڭ جاۋ فامىلىلىك «قوشماق تۇغقىنى» نىڭ ئانىسى ھەقىقەتەن تۇڭگان ئىكەن. بىراق ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغانلىقىغا سوئال قويدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى زۇمرەت داۋۇت ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئۇنىڭ بالىياتقۇسى ئېلىۋېتىلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغانلىقىغا دەل ئىككى يىل بولغان بىر ۋاقىتتا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، زۇمرەت داۋۇت 7-ئۆكتەبىر ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، بالاياتقۇسى ئېلىۋېتىگەن. بۇنىڭغا تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ بالاياتقۇسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ھاياتىغا خەۋپ پەيدا قىلىشى سەۋەپ بولغان.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ يازما بايانىدا چۈشەندۈرۈشىچە، زۇمرەت داۋۇت «بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 يىل ئاۋۋال خىتايدىكى ۋاقتىدا تۇغماس قىلىنغان بولۇپ، بالا تۇغۇس ئ‍ىقتىدارىنى يوقاتقان» ئىكەن.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ بالاياتقۇسىنىڭ ئېلىۋېتىلىشى بىلەن خىتاينىڭ دەل شۇ ۋاقىتتا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ياكى ئەمەسلىكى نامەلۇم. بىراق زۇمرەت داۋۇتنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئ‍وخشاش ۋاقىتقا توغرا كېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ: «‹قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر› دېگەندەك مەن مۇشۇ گەپلەرنى ئاۋۋال تورغا چىقىرىشتىن ۋە ياكى خەلقئارادا سازايى قىلىشتىن قورققاندەك بۇلار مېنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇنداق خەلقئارادا ئ‍ۆزىنى ئاقلاپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن،» دېدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئايال لاگېر شاھىتلىرىنى قارىلاپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدە ئىكەن.

ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى رەھىمە مەھمۇت 12-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى: «دۇنيا لاگېرلارنىڭ ئىچىدە قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپىنچە ئاياللاردىن ئاڭلىدى. لاگېر شاھىتلىرىدىن ئەرلەر ناھايىتى ئاز. ئاساسلىقى بىزنىڭ جەسۇر ئاياللىرىمىز لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق، نورمالدا شەخسىي ئىنسان قورقۇپ دېيەلمەيدىغان شۇنچىلىك ئىچىكە ھەقىقەتنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ دۇنيادا بەك غۇلغۇلا قوزغىدى.»

رەھىمە مەھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي لاگېر شاھىتلىرىنى «يالغان» غا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يېپىشتا بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلانماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا يەنە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، توردا «كىم ئاشىتى» قىلىپ ساتقانلىقىنى ئاقلىغان. «ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتى يېقىندا خىتاينىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ 80 نەچچە مىليون دوللارلىق مال-مۈلكىنى «كىم ئاشىتى» قىلىپ ساتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئ‍ېلىجان ئىنايەت ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ سېتىشقا چىقىرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن مال-مۈلكى سېتىشقا چىقىرىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ «تېرورلۇق، رادىكاللىق، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خۇراپاتلىق، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەندەك «جىنايەتلەر» بىلەن كېسىلىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.