زۇمرەت ئوبۇلنىڭ ئافرىقا زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولالامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئافرىقا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئېكسپورت بازىرى ۋە خام ئەشيا بازىسىدۇر. ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتاي ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان مول نېفىت بايلىقى، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تۈرلۈك كان بايلىقلىرى مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاينىڭ ئەرزان تاۋارلىرى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان غايەت زور بازار مەۋجۇتتۇر. شۇ سەۋەبتىن خىتاي يېقىندىن بۇيان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنلىرىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچىسى» قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 4-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە، ئاتالمىش «جۇڭگو-شىنجاڭ دوستلۇق ئالاقە ۋەكىللەر ئۆمىكى» جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نامىدىكى تەشۋىقات زىيارىتى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل باشلاپ بارغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، زۇمرەت ئوبۇل باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئۆمەكنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنېگال قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسى سۆزلەش» نامىدا تەشۋىقات زىيارىتى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئافرىقادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقا، سېنېگال قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆز چەمبىرىكىدە تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرماقچى ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن قول ئۈزۈشكە، غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زۇمرەت ئوبۇلنىڭ باشچىلىقىدا ئافرىقا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشىنى مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەب ۋە مەقسەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان، دەپ قارايمەن. چۈنكى، بىز جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىلگىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن جەنۇبىي ئافرىقا ئىرق ۋە مىللەت مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن سەزگۈر، شۇنداقلا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. سېنېگالغا كەلسەك، ئۇ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدۇر. شۇڭا ئۇ دۆلەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇلار دەل خىتاي ئەندىشە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلاردۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارنى باش قىلىپ، يۇقىرىقى دۆلەتلەردە ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش› تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى توسۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر. »

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا زۇمرەت ئوبۇل باشچىلىقىدىكى ئۆمەك جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مەجلىسى، جەنۇبىي ئافرىقا كومپارتىيەسى ۋە سېنېگال پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان. زۇمرەت ئوبۇل ئۇلارغا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ‹شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى› نى مۇتلەق توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويغانلىقى؛ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مەدەنىيەت گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە باشقا تەرەپلەردە زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تونۇشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بارغان زۇمرەت ئوبۇلنىڭ خىتاي 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارنى يولغا قويغاندا تۇيۇقسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئاندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە زۇمرەت ئوبۇلغا ئوخشاش خىتايپەرەس ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشىدە يانتاياق بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۇرۇنۇشى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر خەۋەردە، زۇمرەت ئوبۇلنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنېگال دۆلەت رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ بەرگەنلىكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى «خىتايغا قارشى كۈچلەر» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت خىتايغا قارشى كۈچلەر خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، گۈللىنىشىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار داۋاملىق تۈردە يالغان خەۋەرلەرنى ۋە پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۇجۇملىرى ياكى تۆھمەتلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق. بىز ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھەدىكى دوستلارنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپ قىلىمىز. تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالارنى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھېس تۇيغۇڭلارنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى يازالايسىلەر. »

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئىلگىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغان جەنۇبىي ئافرىقا، شۇنداقلا ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلغان سېنېگالغا ئوخشاش بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «ئىلگىرى نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ كەلدى. دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىتتۇر. شۇڭا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بۇ قەبىھ قىلمىشلىرىنى يېپىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلارغا موھتاجدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئاتالمىش ‹ئورتاق مەنپەئەت› ۋە ‹بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈش› شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ دۆلەتلەردە ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش› تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇنداق بولغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىدە ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلمايدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىدۇر. ئەمما بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قورقۇنچلۇق ئىچ يۈزىنى بىلىمىز. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-پاكىتلار بەك كۆپ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. »

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئافرىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا ئەرزان مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش، كان بايلىقلىرىنى ئىگىلەش، قەرز بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە كۆز يۇمىدىغان، ھەتتا خىتاينى بۇ جەھەتلەردە ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىدىغان بىر ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئۇلار يەنە بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قوللىنىۋاتقان بۇ رەزىل دىپلوماتىيەسى ۋە ئىقتىسادىي مونوپوللۇق سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەر جەھەتلەردىكى ساختا ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.