
يەتتەسۇ مەزكۇر ئەسىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن كومپارتىيەنى مەدھىيەلەشكە سېلىپ، ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇلارنى خۇشال-خورام ۋە ھۆكۈمەتتىن مىننەتدار خەلق سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تەتۈر تەشۋىقات ئويۇنىنى سۈرەتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كۆرۈرمەنلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىغا قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەمىشە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇلارنى سۈنئىي ھالدا خۇشال كۆرۈنۈشكە تەشكىللەيدۇ. بۇ رەسىمدە مەن بىر ئۇيغۇر قورچاقنىڭ بېشىنى ئىشلەتتىم، ئۇنىڭدا قورچاقنىڭ ھەر بىر چىراي ئىپادىسى قورچاق ئويناتقۇچى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. مەن پۈتۈن دۇنياغا خىتاي تېلېۋىزىيەلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلگەن بەختىيار چىرايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سەھنىلەشتۈرۈلگەن سۈنئىي كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى.»