ئۆتكەندە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق» دەپ قارالدى. ھالبۇكى خىتاينىڭ ئېكولوگىيىگە مەسئۇل تارماقلىرى ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە خىتايدىكى خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مەخپىيەتلىكلەرنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت.
نۆۋەتتە خىتايدا ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىشى، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن،دەپ قارالغان ھەمدە ئەمەلدارلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار مەتبۇئاتلاردا ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان « تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنى ھەممىدىن بەك ئالاقزادە قىلىدىغان ھەمدە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئالتە تۈرلۈك خەۋەرنى رويخەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى: ئىقتىسادقا دائىر سانلىق مەلۇماتلار
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مالىيىسىگە ئائىت مەلۇماتلارنى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلغان.
بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2017-يىلدىن بۇرۇن خەلقئارادىكى تۆرت چوڭ ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىتايدىكى ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىغا خىتايلارنى تەيىنلەشنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ مەھكىمىلەرنىڭ خىتايدا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قېلىپلاشمىغان مەشغۇلات قىلمىشلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمدە ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك باھاسىنى سۈنئىي ھالدا ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بۇ ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تۆرت نەپەر چەت ئەللىك مەسئۇلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
ئىككىنچى: جىنايى دېلولارغا ئائىت خەۋەرلەر
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىدا، 2000-2009-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلولىرى بىر ھەسسە ئازايغان دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 2010-يىللىق دوكلاتىدا خىتايدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقانلىقى، قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنىڭ 2000-يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى-ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئاقىۋەتتە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلارنىڭ دىتىغا ياقماي قالغان بۇ دوكلات دەرھال يىغىۋېلىنغان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا چارە كۆرۈلگەن.
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتايدىكى «خەلق گېزىتى» خاربىندىكى بىر دوختۇرخانىدا بىمارلار تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر نەپەر دوختۇر ھەققىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەلق رايىنى سىناش ئىلىپ بارغان. نەتىجىدە 3 تىن 2 قىسىم تورداش بۇ دوختۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنى ياخشى بولدى، دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. خەلق ئاممىسىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىشتىن ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دەرھال تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.
ئۈچىنچى: جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر
نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇش باسقۇچىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان باي-كەمبىغەللىك پەرقى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بارغانسېرى ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2009-2011-يىللار ئارىلىقىدا خىتايدىكى يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى كىرىم پەرقى ئەسلىدىكى 3.33 نىسبەتتىن 3.13 كە قىسقارغان. يەنى شەھەرلىكلەرنىڭ بىر ئايلىق كىرىمى 1300 سوم بولسا، دېھقانلارنىڭ 300 سوم ئەتراپىدا بولغان. بىراق كۆپلىگەن خىتاي ۋە چەتئەللىك ئانالىزچىلار بۇ مەلۇماتلارنىڭ يالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى كىرىم پەرقىنىڭ يىلسايىن كېڭىيىشى ھەمدە ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە پارىخور ئەمەلدارلار تەبىقىسىنىڭ مەنپەئەتدار گۇرۇھ بولۇپ شەكىللىنىشى نەتىجىسىدە، ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلدىن- يىلغا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
ئۆتكەن يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن دېھقانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى نۆۋەتتە مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان خىتاي يىزا-بازارلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغان كىچىككىنە بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات قاماللىقى سەۋەبىدىن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشسىزلىققا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە، پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى كۆپلىگەن ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىك خەۋەرسىز قالماقتا. خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىك جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ پەرەزلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى 180 مىڭ قېتىمدىن ئاشىدىكەن.
تۆتىنچى: ئەمەلدارلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا دائىر خەۋەرلەر
خىتايدا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا دائىر مەلۇماتلار ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ. ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بولسا ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنىلا كۆرەلەيسىز، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى بولسا خىتاينىڭ بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى توختىماستىن خەۋەر قىلىپ تۇرۇشىدۇ.
خىتايدا كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا دائىر رەسۋاچىلىقلار مەلۇم بىر ئەمەلدار سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان شارائىتتىلا ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن. بو شىلەي ۋەقەسى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكى بۇ ئەمەلدارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا دائىر بارلىق سەتچىلىكلەر، پارىخورلۇق ۋە بۇزۇقچىلىققا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن بۇ كوممۇنىست ئەمەلدارى رەقىبلىرى تەرىپىدىن سىياسىي سەھنىدىن قوغلانغاندىن كېيىنلا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاندى. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىدە بۇنداق چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار مىڭلاپ تېپىلىدۇ.
بەشىنچى: چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر
خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كۆلىمىنىڭ زورلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخباراتلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان جياۋجۇۋەندىكى دېڭىزدىن ھالقىغان كۆۋرۈك، سەنشيا سۇ توسمىسىنىڭ سۇ ساقلاش سىغىمى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، شاڭخەيدىكى ماگنىتلىق سۇسپېنزىيەنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى قاتارلىقلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەغرۇرلىنىش كەيپىياتى بىلەن خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق بۇ سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بولسا ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ.
سەنشيا سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان مەزگىللەردىلا كۆپلىگەن ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۇ توسمىسى رايونىدا يەر تەۋرەش ھەمدە تاغ سىيرىلىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.2011-يىلغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى سەنشا سۇ توسمىسىنىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
ئالتىنچى: تارىخى مەسىلىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر
خىتايدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئابرۇيىغا ۋە قانۇنىلىقىغا شەك كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق تېمىدىكى خەۋەر ياكى ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بولۇپمۇ 50-يىللاردىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، 60-يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەمدە 1989-يىلى يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن قانلىق قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلار چەكلەنگەن رايون دەپ قارىلىدۇ.
گەرچە ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ شەھەر باشلىقى بولغان چىن شىتوڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئەمەلىيەتتە ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن بولغان بىر قېتىملىق تراگېدىيە دەپ يازغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەسلىمىمۇ ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋېتىلدى ھەمدە خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمىدى.
1960-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا. بەزىبىر مەلۇماتلاردا 80 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي دائىرىلىرى 1960-يىللاردىكى خىتاينىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىماي كېلىۋاتىدۇ.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: يۇقىرىدىكى يامان خەۋەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئاشكارىلىغان بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق زىيىنى بولمىغان يامان خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.