بۇ ماقالىدە خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلەنگەنسېرى 5 چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: خىتاينىڭ كۈچى ئاشقانسېرى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر دائىرىسى كېڭىيىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قولىدىكى چەتئەلنىڭ زايوملىرى ئەندىشە قىلدۇرىدۇ ئەمما خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىن قېچىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ.
كوممۇنىست پارتىيە بولسا تەسىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ.
بۇ ماقالىدا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بەش چوڭ مەسىلە توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان بولۇپ بۇ مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت. خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ.
خىتاي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچ. ئەمما خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان كۈچى ئاسىيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىنى ۋاشىنگتون تەرەپكە ئىتتىرىپ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ مۇھىم جىددىي ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرى ئىلگىرى ھېچ بولۇپ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى ۋەزىيەتتە بولدى.
ب ئىز خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتى توغرىسىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشارنىڭ پىكىر -قاراشلىرىنى ئالدۇق. در.ئاۋشار ئەپەندى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا رايونى سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردىكى رولى ھەققىدە توختالدى.