ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر كىملەر؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش پەرمانى» چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئىنكاس قوزغىدى.

0:00 / 0:00

12-مارت كۈنى تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 175-نومۇرلۇق «ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش پەرمانى» غا رەئىس نۇر بەكرى 10-فېۋرال كۈنى ئىمزا قويغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى 2012-يىل 2-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 30-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، 2012-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

زەربە نىشانى ئۇيغۇر پىدائىيلىرى

«ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش پەرمانى» دەپ ئاتالغان بۇ پەرمان 32 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بۇ پەرماننى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

پەرماندا يېزىلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسقانلار، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسقانلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتقان ۋە تۇتۇشىغا ھەمكارلاشقانلار ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە 10 مىڭ سومدىن 50 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

زىددىيەتلىك ئۇقۇم ۋە ئۆلچەم

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۈگۈن بۇنداق بىر پەرماننى ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى؟

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست قەشقەردە «سەمەن يولى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە. ئۇيغۇر پىدائىيلارنى تۇتۇش، يوقىتىشقا قاتناشقان ساقچىلار ئېغىر تالاپەت كۆرمەكتە. بەزىلىرى توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلمەكتە. ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر پىدائىيلارغا قارشى سەپتە خىزمەت قىلغان بەزى كىشىلەر ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىماقتا. رەسمىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر «يېڭىئېرق ۋەقەسى»، خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى»، قەشقەر «يېڭىبازار ۋەقەسى»، «قاغىلىق ۋەقەسى» قاتارلىق بىر تالاي ۋەقەلەردە ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سانى ئاز ئەمەس.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسىتىش» ئۇقۇمى بىر-بىرىگە تۈپتىن قارشى ئۇقۇم ۋە ئۆلچەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر دەل ئۇيغۇر پىدائىيلاردۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلارنى قوللاش ھېسسىياتى بارغانسېرى ئاشماقتا، پىدائىيلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى يۈكسىلىپ بارماقتا. دەل ئەكسىچە، ئۇيغۇر پىدائىيلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان زوراۋان كۈچلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر» دەپ ئاتىماقتا.

مەقسەت ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش

راھىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، نۇر بەكرى ئىمزا قويغان 175-نومۇرلۇق پەرمان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى خەلقتىن ئايرىپ تاشلاشنى، خەلق بىلەن پىدائىيلار ئارىسىدا چەك-چېگرا پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

175-نومۇرلۇق پەرماندىكى بايانلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئادالەت يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر» ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تېگىشلىك قوللىشى ھەم ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالمىغان. بەزىلىرى ھەتتا چەتكە قېقىلىش ۋە ئۆچ ئېلىشلارغا دۇچ كەلگەن. پەرماندا خەلق ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلارغا ئىگە چىقىشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى، قوللىشى تەلەپ قىلىنغان.