ئافغانىستان تاشقى ياردەمگىلا تايىنىپ تېنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشەلەمدۇ؟

ئامېرىكا، ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات شۇنىڭدەك نامراتلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان ئافغان خەلقىنىڭ ھاياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىغا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان 108 مىليون دوللارلىق قەرزىنى بىكار قىلىش قارارىنى ئالدى.

0:00 / 0:00

قەرزدىن قۇتۇلۇش نۆۋەتتە ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە ساقلىقنى ساقلاش، تەلىم - تەربىيە پروگراممىلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە .

ئامېرىكىنىڭ كابولدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارل ئەيكەنبېررى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئېغىر ئىقتسادىي قەرزلەردىن قۇتۇلغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، پۈتۈن كۈچىنى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قاراتقاندا، ئاندىن ئۆز خەلقىگە بىخەتەر ۋە پاراۋان مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە قەرزدىن قۇتۇلۇش ئافغانىستان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئافغانىستاننى قەرزدىن ئازاد قىلىش قارارىنى، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئافغانىستاننى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قەرزى بار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن قارار قىلغان.

2007 ‏- يىلىنىڭ باشلىرى دۇنيا بانكىسى ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 19 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىژ كۇلۇبى ئافغانىستاننىڭ 2.6 مىليارد دوللارلىق قەرزىنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا باشلامچىلىقىدا، ئافغانىستاننىڭ تاشقى قەرزلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ئەلۋەتتە ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا يالغۇز ئىقتىسادى جەھەتتە ئەمەس، بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە بارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە ئىزچىل تۈردە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، ئافغانىستانغا بېرىلگەن قەرزلەرنى بىكار قىلىش يولى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئافغانىستاننى ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ نۆۋەتتە كارزاي ھۆكۈمىتىدە يۈز بېرىۋاتقان نۇقسانلار تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىندىمۇ؟ خەلق كارزاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن رازىمۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.