خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار

خىتاي ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئافغانىستاننىمۇ ئۆزىنىڭ سېپىگە قوشۇشقا تىرىشماقتا.

0:00 / 0:00

ئاخباراتلاردا، خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونلاردا ئۇيغۇر گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇشتا ياردەم تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش ئافغانىستان بىلەن ئوخشاش مەسىلە توغرىسىدا ھەمكارلىشىش ۋە كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب ب س تۈركچە ئاخباراتىنىڭ 27‏-دېكابىر كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئامۇ دەرياسى رايونلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپ چىقىرىش ئىش پىلانى توغرىسىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان رايوندا 87 مىليون توڭ نېفىت زاپىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەخمىن قىلىنماقتا. خىتاي نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن نېفىت مەنبەلىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

erkin-ekrem-afghanistan-xitay-385.jpg
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا توختالدى. 2011-يىلى دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، سىنگاپورنىڭ «ترى زېن» ناملىق نېفىت شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى توني رېگان، ئامۇ دەرياسى بويلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلىرى سۈردى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، خىتاي بۇ يەردىن چىقىرىلغان نېفىتنىڭ يۈزدە 70% پىرسەنتىنى ئافغانىستانغا بېرىدىكەن.

بۇ ھەقتە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور سالجۇك چۇلاكئوغلى، «خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي 1990‏-يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولغان ئافغانىستاندىن ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قوراللىق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن بىخەتەر بىر بازا ھالغا ئايلىنىشى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەرلىرى 1989‏-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىلھام ئالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. بۇلاردىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئافغانىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىدا ھەربىي مەشىق قىلماقتا ئىدى. بېيجىڭغا نىسبەتەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئافغانىستانغا قېچىپ كەلگەن نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ سايىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق ھالدا ياردەم قىلماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىمۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى ھېچ قاچان تىلغا ئېلىپ باقمىغان خىتاي بۇ ئاتالغۇنى تېررورلۇق بىلەن ئوخشاش ئۇقۇمغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دەپ تونۇتۇشقا باشلىدى.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىن مۇستەقىل بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. يېقىندىن بۇيان تالىبان ئافغانىستاندا يېڭىدىن كۈچلىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ خىتاي ئافغانىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغنى كۆپلەپ ئاشۇرماقتا. بۇ ۋەزىيەت خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ ئەسلى سەۋەب تالىباننى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىرىنچى تەھدىت بولۇشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش. خىتاي بۇ جەھەتتە پاكىستاندىكى ئىسلام پارتىيىسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ئافغانىستان تالىبانلىرىغا قارىغاندا، خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ تەسىرى بار دەپ قارىماقتا.

ماقالىدە يەنە مۇنداق پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى جەھەتتە ئافغانىستان ھازىرمۇ بىر تەھدىت پەيدا قىلىشنى داۋام قىلماقتا. ئاسىيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋە ناھايىتى ئىستراتېگىيىلىك بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئافغانىستاننى قوشمىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەر ئافغانىستانغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئافغانىستاننىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە تاشقى تەسىر كۈچكە ئوچۇق بىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا نىسبەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن ياسىلىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئافغانىستاندا تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە سۆزى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى سەرمايىلىرى

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادىي سەرمايىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادى پايدا-مەنپەئەتلىرىنىنگ ئەڭ مۇھىمى، 2007‏-يىلى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى مىس كاننى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى. كابۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ مىس كېنى ھەم ئافغانىستان ئۈچۈن ھەم خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىس ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولىدۇ. خىتايمۇ چوڭ بىر ئىستراتېگىيىلىك پايدىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئافغانىستان تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 يىل ئىچىدە بۇ ئىش-پىلاندىن پەقەت 2 مىليارد دوللار باج كىرىم بولىدىكەن. خىتاي بۇ ئىش پىلان ئۈچۈن ھازىرغىچە 5 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ بولغان. بۇ ئىش-پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە 30 يىللىق جەرياندا كۆزلىگەن پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېنېرگىيىلىرىنى ئېچىشنى كۆزلىگەن بىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا. خىتاي يەنە ئافغانىستاننىڭ تېلېفون لىنىيىسى ۋە ئۇچۇر ئالاقە ساھەسىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ ھازىر 200 مىڭ كىشىلىك تېلېفون مۇلازىمەت شىركىتى قۇرغان.

بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتايغا نىسبەتەن ئافغانىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئافغانىستاندا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مىس كېنى بولسىمۇ ۋە بەزى ئىقتىسادى شارائىتلار يارىتىلغان بولسىمۇ، 2010‏-يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئىقتىسادى چوڭ كۈچى بولغان خىتاي ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادى شارائىتلاردىن ۋاز كېچەلەيدىغان ۋەزىيەتتە. ئەمما خىتايغا نىسبەتەن ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ئۈچۈن بىر بازا ھالغا كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭ بىر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىز خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي بىر تەرەپتىن ئېنېرگىيە ئېھتىياجى قامداش ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي يەر ئاستى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا كۆز تىككەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستاندىكى تالىبان قاتارلىق ئىسلامى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىنلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاننى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.