پاكىستان گېرمانىيىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىنى بايقۇت قىلدى
2011.12.06
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قوزغىغان شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي گۇمران بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندا دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى تىكلەندى. 2004-يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتىنى خەلق بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدىغان بولدى. ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىمۇ، تەدرىجىي ھالدا ئۆز ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئافغانىستان شەھەرلىرى داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتىن ئۈمىدلەندى. ئەمدى ئامېرىكا 2014-يىلى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا، ئافغانىستاندا ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار ئافغانىستان-پاكىستان چېگرالىرىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ئافغانىستاندا تىكلەنگەن دېموكراتىك تۈزۈمگە خىرىس قىلىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، ئافغانىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئافغانىستان يىغىنى، تۈنۈگۈن گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئېچىلدى.
س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان يىغىنىغا ئامېرىكا ۋە باشقا ناتو دۆلەتلىرى، ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپدىشى ھىندىستان قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. ھەتتا ئافغانىستاندىكى تالىبان ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئىرانمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن باش تارتمىدى. پەقەت پاكىستانلا -تالىبانلارنىڭ ئافغانىستانغىلا ئەمەس، پاكىستانغىمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچراپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان پاكىستانلا بۇ خەلقئارا يىغىننى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ئەۋەتتى.
بون شەھىرىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇيدو ۋېستېرۋېل ۋە ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي راسۇل، گېرمانىيىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىشانى، پاكىستان ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىدى، ئەمما پاكىستانغىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بولغان بۇ يىغىننى پاكىستاننىڭ بايقۇت قىلغانلىقىغا ئەپسىۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىدا، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىت كارزاي، ئافغانىستان ھازىر 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت تەكرارلىنىشى مۇمكىن بولغان ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئافغانىستان بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە يەنە خەلقئارانىڭ داۋاملىق ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىغا قاتناشقان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىلى، بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا بولغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى 2023-يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە توختاتماسلىق ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركىل، ناتو ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، گېرمانىيە يەنىلا ئافغانىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي رادىئو ستانسىسى گېرمانىيىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىنى، پاكىستاننى قاتناشتۇرمىغان يىغىن دەپ بۇرمىلاپ خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمدى ناتومۇ بۇ دۆلەتتىن غايىب بولىدۇ. لېكىن ئافغانىستان تا ھازىرغا قەدەر تېخى تالىبانلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغىنى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرالىرىغا جايلاشقان قەبىلىلەر رايونىدىكى پەشتۇن مىللىتى ئافغانىستاندا نوپۇسى كۆپ مىللەت ھېسابلىنىپلا قالماي، پاكىستاندىمۇ پەشتۇنلار نوپۇسى خېلى كۆپ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاكىستاندىن ياردەمگە ئېرىشىپ ۋۇجۇدقا چىققان ۋەقەلەر. بۇ مەسىلە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئافغانىستان دۇچ كېلىدىغان مەسىلە. ئەمدى ئافغانىستان يۈزلىنىۋاتقان بۇنداق مەسىلىنى پاكىستان قاتناشمىغان ھالدا ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىدە يەنە، گېرمانىيىدە ئېچىلغان ئافغانىستان يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ دەپ ئېلىنغان قارارنى قاملاشمىغان قارار دەپ تەسۋىرلىدى.