كىم جوڭ ئىل 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلانباتورغا قوشنا رۇسىيە شەھىرى، يەنى موڭغۇل تىللىرىغا مەنسۇپ بۇرىياتلارنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى بۇرىياتىيىنىڭ پايتەختى ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۆزىنىڭ يادرو پىلانى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تىنچ ئوكيان رايونىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيە رەھبىرىنىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ قانداق مەقسەتلەرگە ئىگە؟ بۇ ھەقتە رۇسىيە ئانالىزچىلىرى قانداق قاراشلارغا ئىگە؟ دېگەن مەسىلە كىشىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان تېما.
نىقابلىق پويىز سەپىرى
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭ ئىل يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئوق ئۆتمەيدىغان ئالاھىدە نىقابلانغان پويىزىغا ئولتۇرۇپ، شىمالىي كورىيىدىن رۇسىيە چېگراسىدىكى تۇنجى بېكەت خاسان شەھىرىگە كىرىپ، بۇ يەردە پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ يىراق شەرقتە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش بىلەن ئۇنىڭ 9 يىلدىن كېيىنكى 2-قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتىنى باشلاندى.
69 ياشلىق كىم جوڭ ئىلنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى موسكۋا ئەمەس، بەلكى موڭغۇلىيە چېگراسىغا يېقىن بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇلان-ئۇدې شەھىرى بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئۇ بۇ شەھەردە رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ يەنە باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ. كىم جوڭ ئىل بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى ۋلادىمىر پۇتىن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلىگەندە بىر قېتىم ئەنە شۇ ئالاھىدە نىقابلانغان پويىزغا ئولتۇرۇپ موسكۋاغا بارغان ھەمدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى مەسىلىسى كىم-مېدۋېدېۋ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى
كىم جوڭ ئىلنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ئېغىرلاشقان، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى تېخى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ خۇلاسىلەرگە كەلمەيۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى. ئۇنىڭ مەزكۇر سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشلىق ياردىمىگە ئېرىشىش ۋە رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانىغا ياردەم كۆرسىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، رۇسىيە ئانالىزچىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ يەنىلا قەدەممۇ-قەدەم خىتايغا ئەمەس، بەلكى رۇسىيىگە تايىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى كىم جوڭ ئىلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ۋە مېدۋېدېۋ بىلەن كىم جوڭ ئىلنىڭ سۆھبىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىگە نىسبەتەن تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ تەھلىللەر ئۇلان-ئۇدې ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تېخىمۇ جانلىنىشى مۇمكىن.
موسكۋادا چىقىدىغان «كومسومول ھەقىقىتى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ رەھبەرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىدىغان نەرسىلىرى خېلى كۆپ، ئۇلار سۆزلىشىدىغان تېمىلارنىڭ قاتارىدا رۇسىيىدىن جەنۇبىي كورىيىگە تۇتىشىدىغان ھەمدە شىمالىي كورىيىدىن ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پىلانى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىلىرى قاتارلىقلار بار.
موسكۋادا چىقىدىغان «سودىگەر» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدىكى سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنىڭ يەنىلا رۇسىيىدىن شىمالىي كورىيە ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىگە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى مەسىلىسى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «سودىگەر» گېزىتىنىڭ ماقالىسى رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە كەسكىن تۈردە خۇلاسە چىقىرىپ،«بۇ ئېنىقكى سىياسىي پىلان، سودا پىلانى ئەمەس، بۇ موسكۋانىڭ ئۆز چېگراسى ئەتراپىدىكى كونا بىر توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت» دەپ يازىدۇ.
«يەر شارى سىياسىتىدە رۇسىيە» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى فېدور لۇكيانوف رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى تەكلىپىنىڭ پيوڭياڭ ۋە سېئۇلنى قىزىقتۇرۇشى مۇمكىنلىكى، رۇسىيىنىڭ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياپونىيىگە قارىغاندا شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر ئۈچۈن بەكرەك قوبۇل قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. بىراق، ئۇ رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيە ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ قىيىنلىقىنى، بۇنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىراق شەرق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى كورىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر ژېبىننىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بىرلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئالېكساندىر ژېبىننىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە رۇسىيە بىلەن يادرو ساھەسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە تۆمۈر يول ھەم ئىقتىسادىي ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ھەمكارلىقلارغا موھتاج بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن شىمالىي كورىيىگە شەرت قويۇشى ھەمدە شۇنداق قىلغاندا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى ئالدى بىلەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتماسلىق شۇنىڭدەك ئاخىرىدا يادرو پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە رۇسىيىگە ۋەدە بېرىشى لازىم.
رۇسىيە ئانالىزچىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئاقىۋەتتە كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىدەك ۋەقە كېلىپ چىقسا بۇنىڭ بىۋاسىتە رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا رۇسىيىنىڭ چوقۇم كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.
رۇسىيە يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پىلانى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم كۆرسەتمەكچى
رۇسىيە ئانالىزچىلىرى رۇسىيىنىڭ ساخالىن ئارىلىدىكى تەبىئىي گازلارنى شىمالىي كورىيە ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىگە يەتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا. چۈنكى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، رۇسىيە تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا سېتىش ھەققىدە خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئاللىقاچان پۈتۈشۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي گازلارنىڭ باھاسى مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان، خىتاي رۇسىيىدىن تەبىئىي گازلارنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما رۇسىيە ياۋروپاغا سېتىۋاتقان باھانى تەشەببۇس قىلغان، خىتاي بولسا بۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە قوشۇلماي كەلمەكتە ئىدى. رۇسىيە ئانالىزچىلىرى مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا موسكۋانىڭ يەنە بىر يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى لىنىيىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق خىتاينى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ، خىتاينى رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىغا ۋە باشقا شەرتلىرىگە كۆنۈشكە قىستىماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شىمالىي كورىيە خىتايغا تايىنىشنى ئازلاتماقچى
رۇسىيىنىڭ «مۇستەقىللىق گېزىتى» بولسا، كىم جوڭ ئىلنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ خىتايغا باغلىنىپ قېلىشىنى ئازلىتىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە ۋە «سودىگەر» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا شىمالىي كورىيە كۆپرەك خىتايغا تايانغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ھەر ساھەلەر بويىچە قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا ھەم رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خىتاينىڭ مەيدانى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە، كىم جوڭ ئىل شىمالىي كورىيىنىڭ كونا قوللىغۇچىسى ۋە ھىمايىچىسى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رۇسىيىگە تايىنىشنى كۈچەيتمەكچى بولغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، كرېمىل سارىيى يېقىندا شىمالىي كورىيىگە 50 مىڭ توننا ئاشلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، قارىماققا رۇسىيە ئۆزىنىڭ كونا ئىتتىپاقدىشى بولغان شىمالىي كورىيە بىلەن كونا ئاكا-ئۇكىلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە رۇسىيە ئۆزىنىڭ قايتىدىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سىياسىتىدىكى ئاۋاز كۈچىنى ئاشۇرۇشتا پىيوڭياڭدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلغان.
تۇغۇلغان يۇرتنىڭ مۇھەببىتىمۇ؟
شىمالىي كورىيە خەلقى تەرىپىدىن «ئۇلۇغ رەھبەر» دەپ ئاتالغان كىم جوڭ ئىل دادىسى كىم ئىرسېن ھايات ۋاقتىدا «سۆيۈملۈك رەھبەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كىم ئىرسېن بولسا «ئۇلۇغ داھىي» دەپ ئاتالغان ئىدى. كىم ئىرسېن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ «ئۇلۇغ رەھبەر» دەپ ئاتىلىپ، دادىسىنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان. ھازىر ئۇ ئۆز ئوغلىنى ۋارىس قىلىپ تەربىيىلىمەكتە. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى كىم جوڭ ئىلنىڭ 1942-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاباروۋسكىي ئۆلكىسىدە تۇغۇلۇپ، بالىلىق دەۋرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى بولسا خىتايدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا رۇسچە ئىسىم قوللىنىپ، يۇرىي ئېرسونوۋىچ كىم دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى كىم ئىرسېن ستالىننىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشى بىلەن شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئاخىرىدا كورىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان ئىدى.