خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايدا ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىكى سىر نەدە؟
2011.12.20

ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، بولۇپمۇ بۇ ناھىيىدە شۇنداقلا ئۇنىڭ سايرام بازىرىدا، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ باشقا جايلاردىنمۇ قاتتىقراق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ھەتتا ئاقسۇ باي ناھىيە سايرام بازار خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىست تەشۋىقاتچىسىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ناھىيىمىزنىڭ سىياسىتى باشقا جايلارغا قارىغاندا پەرقلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئۇنداقتا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئۇنچە بۈيۈك بولمىغان بىلەن «باي» دېگەن نامغا ئىگە بۇ ماكاننىڭ خىتاينىڭ ئالاھىدە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدىغان دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىدىكى سىر نەدە؟
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان يۈز كۈنلۈك قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى مانا بۇ باي ناھىيىسىدىكىلەر ئېيتقاندەك كۈچلۈك ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئاقسۇنىڭ باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي كونتروللۇقىنىڭ بىر قەدەر قاتتىقلىقى ئىپادىلەنگەن ئىدى.
باي ناھىيىسىنىڭ سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، قۇربان سايىم بولسا، بايدا بولۇپمۇ سايرام يېزىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا جايلاردىن پەرقلىق سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، چۈنكى بۇ جايدا دىنىي كەيپىيات بىر قەدەر يۇقىرى دەيدۇ.
ئاقسۇدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى بولسا، باينىڭ، بولۇپمۇ سايرام بازىرىنىڭ خىتاينىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئەمەلىيەتتە بۇ تارىخىي ماكاندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ مىللىي غۇرۇر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن پۈتۈلگەنلىكى، بايلىقلارنىڭ تارىخىي قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىش ھېس تۇيغۇسى، مىللىي غۇرۇرى، ئۆز يۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىش روھىنىڭ خىتاينى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تارىخىي بەتلەرنى ۋاراقلىساق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيىسى بولغان باينىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق تارىخىي باي ماكانلىقىنى كۆرەلەيمىز،
تۈرلۈك ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر باي زېمىنىدا بۇنىڭدىن بەش-ئالتە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ياشىغانلىقى ئىسپاتلانغان، 10-ئەسىرلەردە تازا راۋاجلىنىپ سايرام، كۇبرا شەھەرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ «باي» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 1706-يىللىرىغا كەلگەندە باي ۋە سايرام قاتارلىق جايلار ئاقسۇ خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1931-يىلى باي ناھىيىسىدە بىر بازار، تۆت رايون ۋە 32 كەنت تەسىس قىلىنغان.
2009 يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيە، سايرامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت بازار، 10 يېزا، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە يەنە بىر نەسىللىك قوي فېرمىسىغا ئىگە چوڭ ناھىيىدۇر.
تارىخ ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغان ماكان. چۈنكى بۇ ماكان تارىختىكى نۇرغۇن قېتىملىق مىللىي ئىنقىلابلارنىڭ ئوچىقى بولغانلىقى، نۇرغۇن مىللىي قەھرىمان ۋە ئەدىب، ئالىم، ئۆلىمالار يېتىشىتۈرگەنلىكىدىندۇر.
تارىخشۇناس، ئەدىب، شائىر، مىللىي زۇلۇمغا قارشى جەڭ قىلغان قەھرىمان موللا مۇسا سايرامى، 1836-يىلى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. سايرام مەدرىسىدە ئوقۇغان ھەم ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇرتىدا تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆتكۈزگەن. ۋە 1917-يىلى يۇرتى سايرامدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپ ئاساسچىلىرىدىن ساۋۇت ھاپىز داموللا، 1932-يىلىدىكى باي ناھىيىسىدە قۇرۇلغان تۇنجى پەننىي مەكتەپ ئىقبالىيەنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇمۇ باي خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئەجدادى، ئۇ 1865-يىلى باينىڭ سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان. مىللەت سۆيەر تەرەققىيپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ساۋۇت ھاپىز داموللا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا 1945-يىلى ياۋۇز شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەر شائىر، مىللىي قەھرىمان نىمشېھىت ئارمىيا ئېلى سايرامى، ئۆزىنىڭ مىللەتسۆيەر، ئىسيانكارلىق روھى ئۇرغۇپ تۇرغان شېئىرلىرى بىلەن خەلقنى ئويغاتقان، خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن 1972-يىلى تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىرلارنىڭ بىرى.
مۇشۇلارغا ئوخشاش ھەر بىر دەۋردە بايدا ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان نۇرغۇن مىللەتسۆيەر پەن مەدەنىيەت جەڭچىلىرى، زىيالىيلار، مىللىي قەھرىمانلار يېتىشىپ چىققان ھەم چىقماقتا.
باي ناھىيىسىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخىدىكى ئورنىمۇ ئالاھىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ۋە ئىستېدات ئىشغال سىياسىتىگە مىللىي زۇلۇمىغا قارشى 1864 يىلى-6 ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىدىمۇ باي خەلقى زۇلۇمغا قارشى كەڭ كۆلەملىك جەڭگە قاتناشقان ۋە قان كېچىپ پىداكارلىق كۆرسىتىپ زەپەر قۇچقان ۋە تارىخ بەتلىرىگە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان.
باي ناھىيىسى يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئەڭ دەسلەپ ئازاد قىلغان جەنوبتىكى جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1944-يىلى مىللىي ئارمىيىنىڭ سوپاخۇن باشچىلىقىدىكى قوراللىق قىسىم بايغا چۈشكەندە، باي خەلقى بىرلىكتە مىللىي ئارمىيىگە ماسلىشىپ قان ۋە جان بەدىلىگە 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى باي ناھىيىسىنى گومىنداڭچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىنغان.
باي خەلقى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەجدادلىرى ۋە شانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىدۇ.