ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ بىر تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېللارىي كىلىنتونمۇ ئامېرىكا كېلەچەكتە يۈرگۈزىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىنىڭ، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچى بولىدىغانلىقىنى، دۇنيا سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك قارارلارنىڭ بۇندىن كېيىن ئاسىيادا ئېلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى تەبىئىي ھالدا ئاسىيانىڭ نوچىسى بولۇۋالغان خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىماي تۇرالمىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ كېلەچەكتە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا رەسمىي رەۋىشتە قەدەم بېسىشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ كەسكىن بىر دەۋرگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

تۈركىيىدە ئىنگلىز تىلىدا نەشردىن چىقىدىغان يەكشەنبىلىك زامان گېزىتىدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەرگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، مۇلاھىزىچىلەر ئامېرىكا يولغا قويىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىدە، تۈركىيىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قوش بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيىنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي رولىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر داۋاسىنى بىر چەتكە قاتلاپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، تۈركىيىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىغا تۇتۇۋاتقان پاسسىپ مۇئامىلىسىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ھەسەن ھۈسەن ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا، كېلەچەكتە دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالغۇسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىدە 3-بىر دۆلەت ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە قانداق رول ئوينايدۇ؟

كۆزەتكۈچىلەر كېلەچەكتە تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئىككى بىسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى 1971-يىلى باشلانغان. ئەينى چاغدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى سۇلايمان دېمىرەل باشچىلىقىدىكى توغرا يول پارتىيىسى ۋە ئۇندىن كېيىنكى بۈلەنت ئەجەۋىت ھاكىمىيىتى كۆپ قېتىم خىتايغا بارغان ۋە خىتايغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تۈركىيە تارىخىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىنغا دۆلەت مېدالى ۋە قىلىچ ھەدىيە قىلىش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن. ھەتتا تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمغان ھالدا خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا ئائىت باياناتلار بەرگەن. تۈركىيىنىڭ خىتايغا تۇتقان بۇنداق خوشامەتچىل تاشقى سىياسىتىگە قارىماي، خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ سودا، تىجارەت ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى تازا يۈرۈشۈپ كەتمىگەن. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق ئومۇمى تىجارەت سوممىسى ئاران بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان. چۈنكى، خىتاي تۈركلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتە تۈركلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقى بولغان ئۇيغۇرلارنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويۇشتىن ۋە ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن بار بولغان مۇستەقىللىق بىخلىرىنىڭ چېچەكلەپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. 2003-يىلى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان رەجەپ تايىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تۈركىيە تاشقى سىياسەت تارىخىدا خىتايغا ھەم كەسكىن مۇئامىلە قىلالىغان، ھەم ھەمكارلىشالىغان ھاكىمىيەت بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنتايىن تېز قەدەمدە ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» ئىبارىسى بىلەن تەرىپلىشى خىتاينىڭ تۈركىيىگە بولغان يېقىنلىشىشى ۋە خۇشامىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئومۇمى سودا قىممىتى ئەسلىدىكى بىر مىليارد دوللارلىق سەۋىيىدىن بىراقلا 24 مىليارد دوللارلىق سەۋىيىگە يېتىپ، بىر يىل ئىچىدە خىتاي تۈركىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان 50 يىللىق سودا ھەمكارلىقى ئاران 15 مىليارد دوللار بولۇپ، تۈركىيە خىتايدىن ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەتتەر مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.

تۈركىيە تاشقى سىياسەت جەھەتتە قوش بىسلىق سىياسەت ئوينىتىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن باشلانغان. تۈركىيە ئەينى زاماندا ناتو نىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كاندىداتى. تۈركىيە 1999-يىلىدىكى كوسوۋو سىرىپلار مەسىلىسى، لېۋان مەسىلىسى ۋە يېقىندا ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن «ئەرەب باھارى» قاتارلىقلاردا ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكىنىڭ ۋاز كېچىلمەس مۇسۇلمان شېرىكىگە ئايلانغان.

ئۇندىن باشقا يەنە، تۈركىيىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدىكى بىردىن-بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا ئويناۋاتقان بەلگىلىك رولى ۋە تەسىرىمۇ تۈركىيىنى بەلگىلىك رەۋىشتە ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىر قولى ۋە ياكى ئەلچىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر يەنە، تۈركىيىنىڭ يىراقنى كۆزلىگەن ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تاشقى سىياسەتنىڭ پېشىدا ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىدە ئۇيغۇرلارغىمۇ يېشىل چىراغ يېقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا ئۈمىد بىلەن قاراشماقتا. تۈرك ئانالىزچىلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ھازىر بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىمەكتە.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.