خىتاينىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت تورى راند شىركىتىنىڭ تۆت يىل ئىلگىرىكى خىتاي مىللىتىگە بولغان مۇلاھىزىسىنى قايتا ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.07.18

بۇندىن ئاز دېگەندە تۆت يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر راند شىركىتى ئېلان قىلغان خىتاي مىللىتىنىڭ كىشىلىك تەبىئىتىگە ئائىت دوكلاتنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگىنى بولغان يەرشارى ۋاقىت تورى 16-ئىيۇل كۈنى قايتا ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان غەزەپلىرىنى قوزغىدى. مەزكۇر دوكلاتقا «دۇنيادىكى 1-دەرىجىلىك ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسىنىڭ خىتايغا بولغان باھاسى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىنىڭ بېشىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ «بۇ دوكلات ھېچقانداق سىياسىي مەيدانغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، پەقەتلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، تەپەككۇر قىلىش، باھالاشتىنمۇ مۇھىم» دەپ يېزىپ قويغان. ئەمما بۇ دوكلاتنى كۆرگەن خىتاي زىيالىيلىرى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي مىللىتىنىڭ ئىللەتلىرىدىن غەزەپلىنىپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلەشكە، ھاقارەتلەشكە باشلىغان.

دوكلاتتا خىتايلارنىڭ ئىللەتلىرى 7 تېما بويىچە پاش قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسىدا «خىتاي مىللىتىدە جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئەخلاقى يوق. خىتاي مەدەنىيىتى ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچ، شەخسىيەتچىلىك ۋە شەپقەتسىزلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەممە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىلا ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈم-كۆرۈمى بىلەن كارى يوق» دېيىلگەن بولسا، ئىككىنچىسىدە، «خىتايلار دۇنيادىكى ئاز ساندىكى دىنغا ئىشەنمەيدىغان قورقۇنچلۇق مىللەت. ئۇلاردا دىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەخلاق قارىشىمۇ، ھەققانىيەت قارىشىمۇ، جىنايەت تۇيغۇسىمۇ يوق. ھەركىم ئۆزىگىلا ئىشىنىدۇ، ئۆزىنىڭ پرىنسىپى، قاراشلىرى بويىچە ياشايدۇ. پۈتۈن خىتاي تارىخىغا نەزەر سالغاندا، يۈز بەرگەن بارلىق جىنايەتلەر، ۋەھشىيلىكلەر ھەم قىرغىنچىلىقلارغا ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ روھى دۇنياسى سەۋەب بولغان» دېيىلگەن. ئۈچىنچىسىدە، «خىتايلار تىلغا ئېلىۋاتقان ئاتالمىش سىياسەتتە ئالدامچىلىق ۋە خائىنلىقتىن باشقا نەرسە يوق، خىتايدا ئەزەلدىن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر جەمئىيەت قۇرۇلۇپ باقمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىدە بۇنداق بىر لاياقەت يوق. خىتايلاردا ھېسسىيات ھەر زامان قانۇندىن ئۈستۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن تېرىشىش ۋە قۇربان بېرىش روھى خىتايلاردا مەۋجۇت ئەمەس» دېيىلگەن بولسا، تۆتىنچىسىدە، «خىتايلار ئەزەلدىن نېمىنىڭ لاياقەت ۋە ھۆرمەت بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ باقمىغان، ئۇلار ھاياتتا مەن نېمىگە ئېرىشتىم دېگەننىلا ئويلايدۇ، مەن ئىنسانىيەتنى نېمىگە ئېرىشتۈردۈم دېگەننى ئويلىمايدۇ. دائىم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى، مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدۇ» دېيىلگەن. بەشىنچىسىدە، خىتايلاردىكى قىممەت قارىشىنىڭ پەقەتلا شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولسا، ئالتىنچىسىدە «خىتايلارنىڭ ياشاش ئىدىيىسى ھايۋاناتلارنىڭ جىنسىي ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدەش سەۋىيىسىدە تۇرۇپ قالغان» دېيىلگەن. يەتتىنچىسىدە، خىتاي مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكى پاش قىلىنغان.

ئەلۋەتتىكى، راند شىركىتى خىتايلاردىكى بۇ ئىللەتلەر توغرىلىق يېتەرلىك مەلۇمات ۋە مىساللار بەرگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تورى بولغان يەرشارى ۋاقىت تورىدا 2008-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىدا ئامېرىكىغا بولغان قارشىلىق تۇيغۇلىرىنى يۈكسەلتىش غەرىزىدۇر.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدا غەربكە قارشى بىر سىياسىي لاگېر بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، غەربنى ئۆز خەلقىگە دۈشمەن كۈچلەر دەپ تونۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىشىگە ئامېرىكىنىڭ زور ھەسسىسى بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ مىللەتنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىۋاتقانلىقىنى، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغاندەك ئەخلاقسىز يول تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.