ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ نازۇكلاشتى

ئامېرىكا پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى قىسقارتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا -پاكىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ نازۇكلاشماقتا.

0:00 / 0:00

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئابادتىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى قىسقارتقانلىقى، ئامېرىكا -پاكىستان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى 10‏-ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارغا، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىدىن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىسقارتىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ، پاكىستاننىڭ ئامېرىكىغا قىلغان سەمىمىيەتسىزلىكىگە يارىشا چىقىرىلغان يوللۇق قارار، ئامېرىكا ھەرگىز خەلق باج تاپشۇرغان پۇلنى، ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە سۈكۈت قىلىدىغان يەرگە خىراجەت قىلىپ بەرمەيدۇ دېگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار ھازىر، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى قىسقارتىش قارارى، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىگىلا ئەمەس، بەلكى پاكىستان ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىغان قارار دەپ تەھلىل قارىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىغا، خىتاينىڭ ئادەتتىكى قوراللىرىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى قىسقارتىش پىلانىغا نارازى بولغان پاكىستان ھەربىي باياناتچىسى گېنېرال مايور ئاتھار ئابباس، پاكىستان ئەمدى قەبىلىلەر رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىسىز يولغا قويالمايدۇ. ئەگەر پاكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى بۇزۇلسا، ئەمدى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پاكىستان بىرلا ياردەم مەنبەسىگە-خىتايغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ، دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئابادتىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پاكىستاندەك ئىشەنچسىز دوستىغا بېرىۋاتقان 1 مىلياردلىق ھەربىي ياردەمدىن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى قىسقارتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر تېخىمۇ نازۇكلاشتى.

پاكىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىر كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش لىنىيىسىنىڭ تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارقا سەپ مەسىلىسىدە قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى يىراق يول بىلەن، يەنى شىمالدىكى باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ قېتىم سۆھبەتلەردە بۇ مەسىلە ۋە پاكىستاننىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تالىبانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى سەمىمىي بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئەمما پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى تارىخ فاتەمى، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىش ئىستراتېگىيىسى ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدۇ، پاكىستان خەلقى ئامېرىكىنىڭ، 1990‏-يىلى پاكىستاننى يادرو قوراللىرى ياساۋاتىدۇ دەپ جازالىغانلىقىنى ۋە بۇ جازانىڭ، پاكىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇشىغا دەخلى قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دېدى.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوساما بىنلادىننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، خەلقئارادا داۋاملىشىۋاتقان تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى بىر مۇھىم يول بەلگىسى، ئەمما تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇش يەنە داۋام قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى، ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە باغلىق.

نيۇ-يورك تايمىس گېزىتىنىڭ 10‏-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ نازۇكلىشىپ قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، پاكىستان بىلەن خىتاي تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ھىندىستان بولسا ئامېرىكىغا تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىشقا باشلىدى.

خۇددى ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرى تەھلىل قىلغاندەك، ئامېرىكا ئۆتكەن 10 يىلدا پاكىستانغا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى. پاكىستان بۇ پۇل بىلەن قانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى بىركىم كۆرمىدى. ئەمما خىتاي مۇشۇ يىللاردا گۇاداردا ھەربىي پورت قۇرۇپ بولدى، ئەڭ سەزگۈر جايلاردا سۇ ئامبىرى بىنا قىلدى. پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، ئامېرىكىغا قارىغاندا خىتاي بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتتى. كۆرۈۋاتىمىزكى، پاكىستان ھازىر شۇ قەدەر كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ئامېرىكىغا ئەمەس، بەلكى خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالدى.

ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇددى بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئاسىيانى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا قاتتىق ئېلىشقاندەك، ھازىر پاكىستاندا تەسىرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي بىلەن، تەسىرى ئاجىزلاۋاتقان ئامېرىكا قاتتىق ئېلىشىۋاتىدۇ. ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، خىتاينىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ھىندىستان ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ.