ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىنكى خىتاي غوۋغاسى

ئامېرىكا بىلەن ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىۋاتقان خىتايلا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پرىۋوتىدىن ئەندىشە قىلىپ، قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلەشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

دۇنيا بويىچە پۇل-مۇئامىلە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شىركەت دەپ تونۇلغان ستاندارد ۋە پۇر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ كرېدىتىنى ئەسلىدىكى ئااا دەرىجىدىن ئاا+ دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلىدىغان دۆلەتلەر، يۈز بەرگەن مەسىلىنى باشقىلارنى ئەيىبلەش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇ مەسىلىگە ئېھتىيانچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ھەممىسى ئۆزىنىڭ قەرز مۇئامىلىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى. پەقەت خىتايلا ھازىر ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پرىۋوتى جۇغلانمىسىدىن ئەندىشە قىلىپ، قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلەۋاتقان دۆلەت.

ۋىكى ئىنىسكلوپىدىيىسىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، دۆلەتنىڭ خەلقتىن، چەتئەللىكلەردىن ئالغان قەرزى زايوم دەپ ئاتىلىدۇ، زايوم تارقاتقان تەرەپ قەرزدار، زايوم ئالغان تەرەپ ھەقدار دەپ ئاتىلىدۇ. قەرزدار دۆلەتنىڭ قەرز تۆلەش مەجبۇرىيىتى ياكى ئىناۋېتى كرېدىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە قەرزى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى ئەڭ يۇقىرى (ئۈچ ئا دەرىجىلىك) كرېدىت. يېقىندا ئۇنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلدى.

ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر تارقاتقان زايوم (ئالغان قەرز) ئون تېرليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. قانۇنىي بەلگىلىمىلەردە، تارقىتىلىدىغان زايومنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىسى بېكىتىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى تۆلەيدىغان ۋاقىت چەكلىمىسىمۇ بېكىتىلگەن ئىدى. ئەگەر تارقىتىدىغان زايومنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتسە، ياكى چەكلەنگەن مۇددەتتە تۆلىيەلمەسلىك خەۋپىگە يۈز لەنسە، كرېدىتى تۆۋەنلىتىلەتتى. ھەتتا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىناتتى. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلسە، ئامېرىكا دوللىرى جۇغلانمىسى بار ياكى ئامېرىكا زايومى سېتىۋالغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل، مۈلكى كاملاپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بۈگۈن (دۈشەنبە كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۆزىنى تۇتالماي قالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ نامىنى تىلغان ئالمايلا «قەرز گە بوغۇلۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان دۆلەت» دەپ ئاتاپ گېپىنى باشلاپ، بۇ دۆلەتنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر پۈتۈن يەر شارى بويىچە پۇل بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا بولدى، بۇ دۆلەت ئەمدى ئۆزىنىڭ پۇل سىياسىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، مالىيە چىقىمىنى دەرھال ئازلىتىپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەلەتلىك قىلىشى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتىنى قايتىدىن تىكلىشى كېرەك، دەپ جار سالدى.

خىتاينىڭ مۇھاجىرلار گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئامېرىكا دوللىرى. خىتاينىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى بۇ يىل 6‏-ئايدا 2 تىرىليون 452 مىلياردقا يەتكەن (ياپونىيىدىن ئېشىپ كەتكەن) ئىدى. بۇ جۇغلانمىنىڭ 43% ئى ئامېرىكا زايومى بولغاچقا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، خىتاي دەرھال ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋېتىپ، ياپونىيە زايومىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان ئىدى.

ۋولت ستېرىت ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن يوللىغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا پۇل پاخاللىقى ئۆتكەن ئايدا 6.5% گە يەتكەن ئىدى، بۇ ئايدا ھۆكۈمەت تېخى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئايدا خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى ئۆتكەن ئايدىكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ، ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

بۈگۈن ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدە، ئامېرىكىنىڭ كرېدىتى تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ھەققىدە جىددىي مۇنازىرە بولدى. ئاز دېگەندە 70 پارچە ئوبزرو ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ كۆپىنچىسى پۇل -مۇئامىلە ساھەسىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كرېدىت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا يىللاردىن بۇيان كرېدىتكە تايىنىپ كاپىتال توپلاپ كېلىۋاتقان دۆلەت، ئەمما ھازىر ئۆزى ئالغان قەرزلەردىن تېنىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن پۈتۈن دۇنيا بۇنى كۆزىتىپ تۇرغاچقا، ئامالسىز قېلىپ گەپ يورغىلىتىۋاتىدۇ، بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز، دېگەن.

يەنە بەزىلىرى خىتاينى ئەيىبلىدى، خىتاينى بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلاندۇرغان، خىتايلارنى ھازىرقىدەك پۇلنى تۇتاملاپ-تۇتاملاپ خەجلەيدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن شۇ ئامېرىكا، خىتاي توپلىغان تاشقى پرېۋوتلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قۇرۇپ بەرگەن زاۋۇتلارنىڭ «خىتايدا ئىشلەندى» دېگەن ماللىرى پەيدا قىلغان سودىدىكى قىزىل رەقەم ئارقىلىق توپلانغان جۇغلانما، خىتاي دۇنيادا پەقەت ئۆزىنىڭ يۈزسىزلىكدىنلا زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما بۇ تور مۇنازىرىسىدە، كۆپىنچە كىشىلەر «كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر لىنىش» دېگەن ئەھۋال يۈز بېرىشىتىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، قەرز تۆلەش مەسىلە ئەمەس، ئەمما، ئەگەر قەرز مۇددىتى توشقاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى تۆلەيدىغان پۇلى بولمىسا، يەنە قەرز ئېلىپ قەرز تۆلىشى مۇمكىن، بۇمۇ مەسىلە ئەمەس، ئەڭ يامىنى، پۈتۈن قەرز مىقدارىغا تەڭ پۇل بېسىپ چىقىپ تۆلەش، بۇنداق پۇل باشقا دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى بەلگىلىمە بويىچە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، ئۇنداق بولۇپ قالسا، بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى گۇمران بولىدۇ، ئۇنىڭ قەرزىمۇ تۆلەنمەي قېلىشى مۇمكىن.