رۇسىيە ئاۋازى: خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى يېڭى رەزىل دۆلەت
2012.06.14

بۇ، يېقىندىن بۇيان «رۇسىيە ئاۋازى» خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىۋاتقان 43- ئوبزورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبزورنى رۇسىيىدە خىتايچە چىقىدىغان «رۇسىيە ئاۋازى» گېزىتى دەرھال تەرجىمە قىلىپ باستى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن گېرمانىيىدە خىتايچە چىقىدىغان «ئەينەك گېزىتى» تىدىمۇ، «ئامېرىكا ھازىر خىتاينى يېڭى رەزىل دۆلەت دەپ قارايدۇ» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ئۆتكەن ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەن رەزىل دۆلەتكە ئوخشاپ قالدى... دەپ باشلىنىدۇ «رۇسىيە ئاۋازى» ئېلان قىلغان «خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى يېڭى رەزىل دۆلەت» سەرلەۋھىلىك ئوبزورنىڭ بايانى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئىراقتىن ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتە بولسۇن ياكى لىۋىيە مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى ھازىر سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە بولسۇن ياكى گېرمانىيىدىن يېقىندا ئىككى بېرىگادا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقماقچى بولغانلىقىدا بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسىدە مۇددىئانى ئىپادىلەشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى يەنىلا، ئامېرىكىنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى خىتايغا يۆتكىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ مەسىلە، ئامېرىكا 2020 - يىلىغىچە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ 60% نى، 11 ئاۋىئاماتكىسىنىڭ 6 سىنى تىنچ ئوكيانغا ئەكېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېنىق بولدى.
«رۇسىيە ئاۋازى» گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە چىقىدىغان «ئەينەك گېزىتى» ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ھازىر خىتاينى يېڭى رەزىل دۆلەت دەپ قارايدۇ» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقان قاتناش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ ئامېرىكىنىڭمۇ، خىتاينىڭمۇ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ جاكارلاۋاتقاندا، خىتاي ئۇنىڭغا قارشى ھالدا، جەنۇبىي دېڭىز تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى، بۇ دېڭىز دائىرىسى مىلادى 15- ئەسىردىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى دەپ جاكارلىدى. خىتاي ھازىر ھەتتا «200 دېڭىز چاقىرىملىق ئىقتىسادىي رايون ۋە 12 دېڭىز چاقىرىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى» دەپ بەلگىلەنگەن خەلقئارا دېڭىز قانۇنىنىمۇ كۆزىگە ئىلمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان فىلىپپىن، ۋيېتنام، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، برونې، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، جەنۇبىي دېڭىز رايونى ھازىر خەتەرلىك رايونغا ئايلاندى. بۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ دەرىجىسى كۈندىن كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.
«رۇسىيە ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇ-يورك ۋاقىت» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئۆزى كۆزلىگەن پىلان -مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز ئاشۇرۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ. خىتاي گەرچە ئالەم تېخنىكىسى جەھەتتە ئامېرىكىغا يېتىشكە تېخى ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى بوي سۇندۇرۇش دېگەن غەرەزلىك پىلانى بۇيىچە، 2016- يىلىدىن بۇرۇن ئايدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كېلىشكە، 2020 يىلى ئالەم پونكىتى قۇرۇپ چىقىشقا، بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھازىر 3 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا يولغا سېلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ.
«رۇسىيە ئاۋازى» گېزىتىنىڭ «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىۋاتقاندا، خىتاي دەرھال ئافغانىستان بىلەن نورمال ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كېرىشتى. ئەمما خىتاي ئۆزى ئافغانىستان بىلەن تۈزۈشكە باشلىغان بۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى دۇنياغا «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» دەپ جاكارلىدى. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى» دېگەن نام بىلەن پەيدا قىلغان داغدۇغا، ئەمەلىيەتتە بىر ئىقتىسادىي ماغزاپ ئىدى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىسادىي ماغزاپقا تايىنىپ باش كۆتۈرمەكچى بولدى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تاجىكىستانغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تاجىكىستاننىڭ مىس، ئالتۇن بايلىقىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. تاجىكىستاننى ھەر جەھەتتىن خىتايغا بېقىندۇرۇشنى تېزلىتىشكە كىرىشتى. بۇنداق بېقىنما ھالەتنى يەنە باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى غەربنىڭ تەسىرىدىن خالىي قىلماقچى ... خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خوجايىنى قىلماقچى بولدى. خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىمۇ -قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھازىرقى ئىپادىلىرىدىن قارىغاندىمۇ، خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ئۆتكەن ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەن رەزىل دۆلەت بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق.